تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ غەم يەيدىغان ئىش، ئەڭ زور مەسئۇلىيەت بىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەڭ كۈچلۈك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىزنىڭ بىرلا غەيرەتكە كېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى كېرەك.

بىرىنچى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىش كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەسلىك كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قاتتىق تۇتۇپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى كەم - كوتسىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك.

ئۈچىنچى، يۇقۇم تەسىرىنى يېڭىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن تەشكىللەپ ۋە ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تېزدىن، تەرتىپلىك ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش، ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىمىغان ئون ناھىيە ۋە 559 نامرات كەنتكە قارىتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ناھىيەگىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ۋىلايەت، ناھىيە كەنتكىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كادىرلار ئائىلىگىچە ھۆددە ئېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «ھەيدەكچىلىك قىلىپ»، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشى كېرەك.

بەشىنچى، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ئومۇميۈزلۈك يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشتىن قېلىشى، ئوقۇشتىن چېكىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئالتىنچى، مەسىلىنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشى بويىچە «قايتا قاراپ چىقىش»ى، 2019 - يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە «قىشلىق ھۇجۇم» قاتارلىقلاردا قايتما ئىنكاس قىلىنغان ۋە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگۈچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنى ئاخىرغىچە تۇتۇشقا، جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ئالدىن يولغا قويۇش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قالپاقنى تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ سىياسەتنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق، قالپاقنى تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ياردەم بېرىش - يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە خىزمەت سىستېمىسىنىڭ مۇقىم تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ كىرگۈزۈپ، ئۇزۇن - قىسقىنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، چېكىندۈرۈش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىغان ناھىيە ۋە چېكىنىپ چىققان كەنتلەرنى تولۇق قاپلاش، چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تولۇق، توغرا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سان - سېپىردا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي توسۇپ، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك.

توققۇزىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ناھىيە - شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، بېسىمنى دەرىجىمۇدەرىجە يەتكۈزۈش كېرەك. مەبلەغ جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، تەشۋىق - تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.