تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقان ھالەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن مۇھىم پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سىجىل كۈرەش قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جەڭ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك نورمال يولغا كىرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك.

بىرىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قىسمەن تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تەك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملىق ساقلاپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق سورۇنلار، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى تۆۋەنلەتمەي، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرماي، يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى پائال، پۇختا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىش تەرتىپىنى تېز ئورنىتىپ، ئادەم، مالىيە، ماددىي ئەشيانىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشى، ئىچكى - تاشقى سودىنىڭ ئۈنۈملۈك راۋانلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

ئۈچىنچى، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ماسلىشىشىغا دەل جايىدا، مۇقىم تۈرتكە بولۇپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر تېزرەك ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىر پۈتۈن ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا تارقىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا پائال ياردەم بېرىش؛ تېرىقچىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، تەمىنلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

تۆتىنچى، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، ئاھالە ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بوغۇلۇپ قالغان ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇۋېتىش؛ سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر زاپىسى ۋە ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە تەرتىپلىك ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن خەلقئارا بازارنى پائال ئېچىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك خەلق تۇرمۇشى قىيىن مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىش؛ يۇقۇمنىڭ بازارنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياجىغا بولغان تەسىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئاھالىلەرنى زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، شارائىتقا، ئادەمگە قاراپ تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

ئالتىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشان - ئۆلچىمىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا ئىشنىڭ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي، كەسكىن قوغداش كېرەك. ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.