تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا چىقارغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىق يولداشلار يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاپ پۇل ئىئانە قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بوشاشماي تۇتۇش، بىر قولدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى بوشاشماي تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، سىجىل جەڭ قىلىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، قوش غەلىبىگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى يۈكسەك بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش، ھەم يۇقۇمنىڭ قايتا يامراش خەۋپ - خەتىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، باشتىن - ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، جەڭدىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىپ كېتىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي توسۇپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك.

ئىككىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش كېرەك. رايونلارغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھەللە، كەنت - گۇرۇپپىلار ۋە نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئالاھىدە سورۇنلار ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈتۈنۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، بالىلار پاراۋانلىقى، روھىي ساغلاملىق بويىچە داۋالاش قاتارلىق ئاپپاراتلارنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەر، داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن تاشلاندۇقلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىدىغان خادىملار، ھىم، يېپىق بوشلۇقتا مۇلازىمەت قىلىدىغان خادىملار قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇداپىئەلىنىشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ توغرىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ تېببىي خادىملارنى قوغداش، كۆيۈنۈش، ئاسراشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سىجىل ساغلام ھالەتتە يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەل جايىدا، پۇختا بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، توردا ئىش بېجىرىش، توردا تەستىقلاش قاتارلىق يوللاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋامىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك؛ ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغى ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغىنى مايىللاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا تەرتىپلىك قايتىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئاشلىق»، «كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سەھىيە - يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقان، ھەل قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

ئالتىنچى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە تېرىلغۇ تەييارلىقىدا تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، يېتەكچىلىك، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، تەمىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنى ۋە ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك؛ بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، «خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ»، دىيالېكتىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، مېتودولوگىيەدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇش كېرەك؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قاتتىق توسۇپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياخشى يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىمتىھاندا پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.