تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تەكلىپ بويىچە كورېيە زۇڭتۇڭى ۋېن زەييىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتتە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون بېرىپ ھال سورىدى ۋە قوللىدى، مەن بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ يېقىن قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك دوستلۇق رىشتىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش كۆرۈلدى. يۇقۇم جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىي قىلىشتىكى پۇختا ئاساسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىز تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بەلگىلەنگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھە بەس - بەستە جۇڭگو تەرەپكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم زور تۈركۈمدە ياردەم بەردى، مەدەت بەردى، بىز بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن كورېيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت - سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە ئۆزئارا مۇھىم يېقىن قوشنا ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى. ھازىر، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ جۇڭگو - كورېيە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋاقىتلىق. مەن ئىشىنىمەنكى، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتى چوڭقۇرلىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى، ھەمكارلىقى تېخىمۇ جانلىنىدۇ.

ۋېن زەييىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كورېيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى چوقۇم بالدۇرراق قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. كورېيە بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنا، جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقى كورېيەنىڭ قىيىنچىلىقى. كورېيە تەرەپ قەتئىي ھالدا جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ھەم بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ۋېن زەييىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر يىل، كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تەكلىپ بويىچە پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك چوڭ ئىشى. كەڭ تېببىي خادىملار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىشى ئارقىلىق، نۆۋەتتە يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىزنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار، كۆزىمىز يېتىدۇ، بەلكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرالايمىز. بىز ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز، ھەم يىراققا نەزەر سېلىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان پۈتۈن ھاۋا رايىلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئېسىل ئەنئەنىسى بار. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان تەرەپ بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭگو تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ قىممەتلىك ماددىي ئەشيا ياردىمى بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بارلىق نورمال ئالاقىسىنى ساقلىدى. يېقىندا، دۆلىتىڭلارنىڭ خەلق پارلامېنتى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارار ماقۇللاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. بۈگۈن زۇڭلى ئەپەندى مەخسۇس تېلېفون قىلىپ ھال سورايدىغانلىقى ۋە مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىت يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - پاكىستان ئىككى دۆلەت جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ھەقىقىي دوستلار، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار. بىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرىغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش، جۇڭگودىكى پاكىستانلىق ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلىماقتا. جۇڭگو تەرەپ پاكىستاننى باشتىن - ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىنقى يۆنىلىشكە قويۇپ، داۋاملىق ھالدا پاكىستان تەرەپ بىلەن جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا قوللاپ، ماسلىشىپ، جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرىدۇ.

ئىمران خان پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىمران خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلىگەنلىكتىن، يۇقۇم دۇنياغا يامراپ كەتمىدى. پۈتكۈل دۇنيا جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ھەم ئۇنى ئالقىشلايدۇ، ھېچقانداق دۆلەت جۇڭگودىن ياخشى قىلالمايدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگودىكى پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. پاكىستان تەرەپ قەتئىي ئىشىنىدۇكى، جۇڭگو تەرەپ چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. مەيلى قانداق ئەھۋالغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، بارلىق پاكىستان خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي قېرىنداش جۇڭگو خەلقى بىلەن بىللە تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.