تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كىرودىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زوران. مىرانوۋىچقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كىرودىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - كىرودىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش نەتىجىلىرى مول، جۇڭگو − ئوتتۇرا - شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدە ياخشى ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلماقتا. كىرودىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ياخشى دوستى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى نۆۋەت بىلەن ئۆتەۋاتىدۇ. مەن جۇڭگو - كىرودىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مىرانوۋىچ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا - شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.