تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسىدىكى كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا كۆكتاتلارنىڭ تۈرى، باھاسى ھەم بازار تەمىناتى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پۇدۇڭ كوچىسى مەھەللىسى فېڭخۇاڭچېڭ ئولتۇراق رايونىدا، چېن چۈەنگو تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئولتۇراق رايونغا كىرىپ، مەھەللە كادىرلىرى، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئائىلىدە ئايرىش مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چېن چۈەنگو ئولتۇراق رايوندىكى خەلققە قولاي كۆكتات دۇكىنىغا كىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ تۈرى ۋە باھاسىنى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۆزدىن كۆچۈردى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر، ئىنچىكىلىك بىلەن ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ پۇختا قىلىپ، مەھەللىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا زاپىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىدا، چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلقئارا دوختۇرخانىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، تېببىي خادىملار ۋە دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان ئاغرىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇشى، داۋالىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. چېن چۈەنگو ئاغرىقلارنى ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، داۋالاشقا پائال ماسلىشىپ، بالدۇرراق سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دوختۇرخانىدىن چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە ۋە يېزىلارنىڭ دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى توپلاپ، ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيەنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر، ئىلمىي، كارغا كېلىدىغان قوغدىنىش بىلىملىرىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا زەربە بېرىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى نەق جايىدىن باشلاپ، ئىشنىڭ ئىنچىكە يېرىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاشكارا تەكشۈرۈش، يوشۇرۇش زىيارەت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشكە، لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.