تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارمىيە داۋالاش كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ تەشكىللەپ، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن

ئارمىيە داۋالاش كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ تەشكىللەپ، ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (جۇ خۇڭلياڭ، جوۋ نا) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن ئارمىيە 1400 تېببىي خادىمنى ئاجرىتىپ تەشكىللەپ، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ ۋۇخەن خوشېنشەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ دوختۇرخانا ئاساسلىقى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالايدۇ، 1000 كىشىلىك كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش رايونى، ئېغىر كېسەللەر رايونى، ئادەتتىكى كېسەللەر رايونىغا ئايرىلغان، يۇقۇمنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش، ئالاھىدە دىياگنوز قويۇش، رادىيوئاكتىپ نۇر ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش قاتارلىق قوشۇمچە بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان.

بۇ قېتىم ئاجرىتىپ تەشكىللەنگەن داۋالاش كۈچلىرى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالەت قىسمى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلاردىن 950 كىشى ئاجرىتىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ كەلگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى، دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى، ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىدىكى 450 كىشى بىلەن بىرلىكتە بىرتۇتاش تەشكىللەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئازادلىق ئارمىيە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى، ھەربىي ئىشلار پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي ئىشلار تېببىي تەتقىقات يۇرتىدىن ئاجرىتىپ تەشكىللەنگەن 15 مۇتەخەسسىستىن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەندى، ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېببىي خادىملارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى ئىلگىرى شياۋتاڭشەن دوختۇرخانىسىدا سارسقا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى ھەم سېررالېئون، لىبېرىيەدە ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەجرىبىسى مول ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.