تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسى: مۇھىت تازىلىقى، سۇ بىلەن تەمىنلەش-سۇ چىقىرىۋېتىش، مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەيمىز

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋمىن). 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى «ئاپتونوم رايونلوق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مۇھىت تازىلىقى، سۇ بىلەن تەمىنلەش-سۇ چىقىرىۋېتىش، مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتقان.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر قايسى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار، شەھەر باشقۇرۇش، ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر-بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، شەھەر مۇھىت تازىلىقى، باغچىلارنى باشقۇرۇش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مۇھىت تازىلىقى ساھەسىگە بولغان نازارەتچىلىك-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، ھەر قايسى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرى سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەدبىرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تازىلاش، يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش كېرەكسىز بويۇملىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىغا ئارىلىشىپ كېتىشىنى قەتئىي چەكلىشى؛ تۇرمۇش ئەخلىتىنى توشۇش قوراللىرى، بىر تەرەپ قىلىش مەيدان-ئورۇنلىرى ھەمدە شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاپتوموبىل ۋە ئورۇنلارنى دېزىنفىكسىيەلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايونىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش جەھەتتە، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى جايلار مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايغا تەشۋىقات لوزۇنكىسى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى، تەشۋىقات سۈرەتلىرىنى چاپلىشىغا بولغان ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ، مۈلۈك باشقۇرۇش كارخانىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ تۇرالغۇ بىنالىرى ئىچىدىكى لېفىت، ئىشىك-زال قاتارلىق ئاممىۋى رايونلاردا سەھىيە تازىلىقى ۋە دېزىنفىكسىيەلەش، مىكروپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ھەر قايسى جايلاردىكى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى، قاراشلىق ناھىيە(شەھەر، رايون) شەھەر-بازارلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەش كۈچەيتىلدى، شەھەر-بازارلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش تىجارىتىنى باشقۇرۇش كارخانىلىرى، 2-قېتىم سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى، مۈلۈك ھوقۇقى ئورۇنلىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش تارماقلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سۇ سۈپىتى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر قايسى جايلار قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشى، قۇرۇلۇش قىلغان كارخانىلارنى قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى تۈزەش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاپ، دېزىنفىكسىيە قىلىش، مىكروپ ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى قەرەلىدە ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.