تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇش ۋە تارقىتىشقا دائىر 12 تىپىك دېلو مىسالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تەسىر كۆرسەتتى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بەس-بەستە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى، ئەمما ئايرىم تور ئەھلى تەكشۈرۈپ دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن ئەھۋالدا، ئالاقە تورىدا يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئويدۇرۇپ ۋە تارقىتىپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇش ۋە تارقىتىشقا دائىر تىپىك 12 دېلو مىسالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئۇلارغا قانۇن-نىزام بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى.

1-دېلو مىسالى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى مۇXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تور ئەھلى مۇX (ئايال، ئۇيغۇر، 20 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «شىنخۇا دوختۇرخانىسىنىڭ چوڭمىڭ شۆبە دوختۇرخانىسىدا تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 2دىن 13مىنۇت ئۆتكەندە، X ئەر، X ئايال يېڭى تىپتىكى يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى، ئەڭ چوڭى 35 ياشتا، كىچىكى بىر ياشتا، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان دوختۇرلار ئايرىۋېتىلدى، مەركەزدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ۋاقتىنچە شياڭجياۋ يېمەسلىك، بولۇپمۇ نەنخۇي شياڭجاۋسى يېمەسكلىكنى، X كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مۇXكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

2-دېلو مىسالى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى شياXنىڭ يوقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تور ئەھلى شياX (ئايال، ئۇيغۇر، 20 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «خېجىڭدا ئىككى كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، ۋۇخەندە داشۆسىدە ئوقۇيدىغان بىر بالا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاپىسى يۇقۇملىنىپ قالدى، ھازىر ئىككىيلەن ئايرىۋېتىلدى» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شياXكە مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

3-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ياڭXنىڭ يوقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تور ئەھلى ياڭX (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرى)نىڭ يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق «گۇاڭدۇڭلۇق ئاغرىق شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ، X كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ياڭ Xكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

4-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى شاۋXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئېغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تور ئەھلى شاۋX (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى)نىڭ يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق «بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، ئۈرۈمچىدە X كىشى ئۆلدى، ۋۇخەنلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتىدۇ» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شاۋXكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

5-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى دXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، تور ئەھلى دX (ئايال، ئۇيغۇر، 31 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «ئەتە ئەتىگەن سائەت 00 :4- 4:30گىچە ئۆيدىن چىقماڭلار، ھۆكۈمەت ئايروپىلاندا دېزىنفېكسىيە دورسى چېچىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئۆزئارا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار، خوتەندە X كىشى ئۆلدى، يوللاردىمۇ تۈرلۈك چازىلار قۇرۇلدى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە دېڭىز مەھسۇلاتى يېمەڭلار» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دXكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

6-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى لىXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور ئەھلى لىX (ئەر، خەنزۇ، 39 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسى)نىڭ «ۋۇۋېي شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇشى»نى «ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇشى(1-نومۇرلۇق)»دەپ بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىپ، كۆپلىگەن ئۈندىدار توپىدا ئۇلاپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لىXكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

7-دېلو مىسالى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ۋاڭX نىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، تور ئەھلى ۋاڭX(ئايال، خەنزۇ، 23 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: تارباغاتاي ۋىلايىتى شىخۇ شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «ئۈرۈمچى ھازىر يۇقۇم رايونى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق ئېيتىپتۇ، بۇ قېتىم راستىنلا خەۋەردە كۆرگىنىمىزدەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ئىكەن، قۇش زۇكىمى ئەمەس، بەلكى ۋابا ئىكەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئۆلگەن ئادەم سانى X تۈمەن ئىكەن» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاڭXگە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

8-دېلو مىسالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى گۇXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، تور ئەھلى گۇX(ئەر، خەنزۇ، 40 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «تۈنۈگۈن نەۋرە ئىنىم ماڭا تېلېفون قىلىپ ۋۇخەننىڭ ئەھۋالىنىڭ خەۋەردە دېيىلگەندىن يەنە X ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش-داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى يوقكەن، دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىككى قولىغا تايىنىپ داۋالاۋېتىپتۇ ، ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىلاردا ئۆچرەت تۇرۇۋاتقان كىشىلەر بەك كۆپكەن، دوختۇرلار بىۋاسىتە قوبۇل قىلمايۋېتىپتۇ» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە گۇXگە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

9-دېلو مېسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ليۇXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى، تور ئەھلى ليۇX(ئايال، خەنزۇ، 20 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستى سانجى شەھىرى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «بىز يەنە ئوينىغىلى بارامدۇق؟ ئاڭلىسام سانجىدا نۇرغۇن ئادەم يۇقۇملىنىپتۇ، سانجىدا ئەڭ ئاز بولغاندا X مىسال بار ئىكەن، بۇ راست، ئەڭ ياخشىسى دىققەت قىلايلى، بۇ قېتىم خېلى ئېغىركەن، يۇقىرىدىن تارقاتقىلى قويماپتۇ، ساراسىمە بولۇشتىن ئەنسىرەپتۇ» دىگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ليۇXگە تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىش جازاسى بەردى.

10-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى چىXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، تور ئەھلى چىX(ئەر، خەنزۇ، 37 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىنشيەن ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «شىنجاڭدا ئۆلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى X ئادەم» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چىXگە تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلدى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.

11-دېلو مىسالى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى سۈنXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور ئەھلى سۈنX(ئايال، خەنزۇ، 45 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «كورلىدا ئادەتتىكى ماسكىنىڭ باھاسى ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئۆسۈپ كەتتى، كورلىنىڭ تاللا بازارلىرى تاقىلىپ كەتتى، ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تاقالدى» دېگەن ئىغۋا ئۇچۇرنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سۈنXغا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىش جازاسى بەردى.

12-دېلو مىسالى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى زXنىڭ يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، تور ئەھلى زX(ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى)نىڭ ئۈندىدار توپىدا «كۆپچىلىك سىرتقا چىقماڭلار، ئاقتۇ ناھىيەسىدە بايىلا بىرسى بايقىلىپتۇ، ئۇ ۋۇخەندە داشۆدە ئوقۇيدىكەن، ئۆيى ئۈژمە يېزىسىدا بولۇپ، ھازىر ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ئىكەن، بايىلا بايقىلىپتۇ» دېگەن يۇقۇمغا ئائىت ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقى ۋە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە زXغا تەربىيە ۋە نەسىھەت قىلىش جازاسى بەرگەن.

تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىققان، تارقاتقان، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقە تورى ئۇچۇرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازالايدۇ. ئالاقە تور ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، چوقۇم نوپۇزلۇق تاراتقۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇم ئۇچۇرىنى ئىگىلەش، مەنبەسى يوق، تەكشۈرۈپ دەلىللىگىلى بولمايدىغان يۇقۇم ئۇچۇرىغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇنى يوللىماسلىق ، سۇبيېكتىپ پەرەز قىلماسلىق، ساختا يۇقۇم ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقماسلىق، تارقاتماسلىق كېرەك. كەڭ تور ئەھلىنىڭ ئىغۋا ئويدۇرماي، ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ياخشى ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى: تور ئادرېسى: www.xjwljb.com   

تېلېفون نومۇرى: 2384777 -0991 

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

مىكرو بىلوگ: 新疆网络举报 @   

شىنجاڭ توردا پاش قىلىش ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى: 新疆网络举报(شىنجاڭ توردا پاش قىلىش)

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110 

قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.