تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مەخسۇس ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بولۇپمۇ ئاغرىقلارنى داۋالاش خىزمىتىنى قايتا تەتقىق قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، قايتا سەپەرۋەر قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئېغىر رايونلارغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئالاقىدار جايلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تىرىشىپ جەڭ قىلىۋاتقان پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە يولداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، بولۇپمۇ خۇبېيدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي سالام يوللىدى، يۇقۇم داۋامىدا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، ھەممىسى سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىڭلار. ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك. يۇقۇم − بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش − مەسئۇلىيەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشى كېرەك. پەقەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللانساقلا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېز يامراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت ئالدىدا، جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئىش ئورنىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋاقتىدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار دورا بۇيۇملىرى ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ بىخەتەرلىك، مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئىناق كاتتا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى قاتارلىق جايلاردا يېقىنقى مەزگىلدە ئارقا - ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلاپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى تەشكىللەپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلدى، ھەل قىلدى، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۈچلۈك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك. خۇبېي ئۆلكىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاشقى جەھەتتە سىرتقا چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بارلىق ئاغرىقلارنى مەركەزلىك ئايرىپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، بارلىق يېقىندىن ئۇچراشقان كىشىلەرگە قارىتا ئۆيىدە تېببىي باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، ۋۇخەنگە كىرىپ - چىققان كىشىلەرگە قارىتا قاتتىق باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنى تۈرلۈك ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشقا بارلىق ئۆلكىلەر يۆتكىلىپ يۈرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى قاتتىق ئايرىۋېتىشى، گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ۋە يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىۋېتىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى شەھەر، ناھىيە، يېزا (بازار)لار يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرھال قوزغىتىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار چاغان مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئازايتىپ، ئامالنىڭ بارىچە كىشىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە توپلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. «ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، ئېغىر كېسەللىك مىساللىرىنى ئۇنىۋېرسال كۈچى كۈچلۈك بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، بارلىق ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا يىغىپ داۋالاش كېرەك. تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ كۈچىنى تېزدىن تولۇقلاپ، يەرلىك ۋە ئارمىيەنىڭ داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەرتىپى، ئۈنۈملۈك داۋالاش دورىلىرى، ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاغرىقلارنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىراجىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خىراجەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزمەسلىك كېرەك. كەڭ داۋالاش - سەھىيە خادىملىرىغا غەمخورلۇق قىلىپ ۋە ياخشى قوغداپ، مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرەك. يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سودا بازىرى، تاللا بازارلىرىدىكى ئۆي قۇشلىرى، ياۋايى ھايۋانات قاتارلىقلارنىڭ سودىسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە سەھىيە ئىلمى بويىچە بىرتەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋوگزال، ئايرودۇرۇم، پىرىستان قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلار ھەمدە ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلان قاتارلىق ھىم ئېتىك قاتناش قوراللىرىغا قارىتا ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، گۇمانلىق كېسەللىك مىسالى بايقالغان ھامان شۇ جايدا قالدۇرۇپ كۆزىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرىنى بالدۇر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، مەنبەنى تەكشۈرۈش ۋە ئېتىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش، داۋالاش دورا بۇيۇملىرى ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنى ۋاقتىدا، توغرا، ئاشكارا، ئوچۇق ئېلان قىلىپ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە جەمئىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتلىرى ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىغا يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، رايون ۋە پۈتۈن يەر شارىنىڭ سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.