تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى چاغاننىڭ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، جۇ رۇڭجى، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، جياڭ چۇنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ۋاڭ بىڭچيەن، زۇ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، جوۋ گۇاڭجاۋ، ساۋ جى، لى تيېيىڭ، خې لۇلى، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۈنچىمۇگې، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، چيەن جېڭيىڭ، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، جاڭ سىچىڭ، جاڭ كېخۇي، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۇەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، پېشقەدەم يولداشلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى، چىن كۆڭلىدىن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىنى تىلىدى.

پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.