تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2020 «جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 2020 «جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى»نىڭ ئىتالىيەنىڭ رىمدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، قەدىمكى يىپەك يولى ئارىلىقى ئونمىڭ چاقىرىم كېلىدىغان جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيلىكىنى ئۇچراشتۇرۇپ ئۆزئارا نۇرلاندۇرغان؛ بۈگۈن، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىزنىڭ مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان دوستانە ئالاقىمىزگە يەنە يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەت مول مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە. جۇڭگو - ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ بىرلىكتە قەدىمىي مەدەنىيلىك يېڭى دەۋر سۆھبىتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىپ، دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ماتارېللا تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىتالىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايون ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىشنىڭ باش رولچىلىرى بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ كەلگەن. بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز ئۆزئارا تايىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ كەلگۈسىدىكى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

2019 - يىلى 3 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ماتارېللا بىلەن 2020 - يىلى جۇڭگو - ئىتالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە ئۆزئارا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى تەرەپ ئورۇنلاش سەنئىتى، كۆرۈش سېزىمى سەنئىتى، ئىجادىي لايىھەلەش، مەدەنىيەت مىراسلىرى، ساياھەت، كىنو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى قاپلىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.