تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ «ئارمىيە رېۋىزىيە خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ

«ئارمىيە رېۋىزىيە خىزمىتى نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، «ئارمىيە رېۋىزىيە خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى ئېلان قىلدى، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئارمىيە رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. «نىزام»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشىنىڭ ئارمىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئارمىيە رېۋىزىيە خىزمىتىنى پۇختا قېلىپلاشتۇرۇش، ئارمىيەدىكى خادىملارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئەھۋالىنى رېۋىزىيە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئارمىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«نىزام» جەمئىي ئون باب، 62 ماددا بولۇپ، رېۋىزىيە كومىتېتى تەسىس قىلىش، رېۋىزىيە دائىرىسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە خادىملىرىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «نىزام»دا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيە رېۋىزىيە خىزمىتىدە چوقۇم جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك؛ پاكىتنى ئاساس قىلىشتا، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ھوقۇق - مەسئۇلىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئالدىنقىنى جازالاپ، كېيىنكىگە ئىبرەت بېرىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك. «نىزام»دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئارمىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى رېۋىزىيە فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدىغان مەخسۇس مەسئۇل ئورگان بولۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ. رېۋىزىيە كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە رېۋىزىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. «نىزام»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: رېۋىزىيە كومىتېتى ئىچكى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رېۋىزىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئۆز - ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان رېۋىزىيە قوشۇنى قۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.