تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات

− 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - يىغىنىغا بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شاۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

2019 - يىلىدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا

2019 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتۇق.

1. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، زور، مۇھىم ئىشلارنى جانلىق ھەم تەسىرلىك ياخشى ئىشلىدۇق

دائىمىي كومىتېت پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپنى پۇختا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قەلبىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى نامايان قىلىپ، بارلىق ھەرىكىتىمىزدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئاشۇردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا ۋاقتىدا يوليورۇق سوراپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە كەم - كوتسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

(1) داغدۇغىلىق ھالدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق مىكرو كىنونى ئىشلەپ، ۋەتەننى سۆيۈش - كۈرەش قىلىش ناخشىسىنى جاراڭلىق ئېيتتۇق، ۋەتەننى سۆيۈش - كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇردۇق، ۋەتەننى سۆيۈش - كۈرەش قىلىش سىمفونىيەسىنى ياڭراتتۇق. بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىش ھېسسىياتىمىزنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىمىزنى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىمىزنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق؛ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش قىزغىنلىقىمىزنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىنى ئاچتۇق، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش مەخسۇس فىلىمىنى ئىشلىدۇق، خاتىرىلەش ئەسەرلىرى توپلىمى تۈزدۇق، 40 يىلدىن بۇيان، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدۇق، تارىخقا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسىگە ئىنتىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە قەتئىي ياخشى يۈگۈرۈپ، پارتىيە رازى بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ياخشى نەتىجە ياراتتۇق.

(2) پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندۇق، تەشۋىق قىلدۇق، ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى - تەلىپى بويىچە، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈردۇق، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي مۇجەسسەملىدۇق. دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدا ھەممەيلەن ئۆگىنىپ، ئۇنى خەلق قۇرۇلتىيى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ زۆرۈر دەرسى قىلىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ تەپسىلىي ئوقۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئادەم، ۋاقىت، مەزمۇن، ئۈنۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. 4 - ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىدىيەۋى قاراشنى، مۇھىم، زور تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى، كۈچ چىقىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلدۇق.

(3) «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىگە زىچ باغلاپ، «ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، 144 مەسىلىنى تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردۇق، 39 مەسىلىنى سىجىل تۈزىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورناتتۇق، مۇكەممەللەشتۈردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قايتا ئۆگىنىپ، قايتا ئۆزلەشتۈرۈپ، قايتا نىشانغا توغرىلاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قايتا قاراپ چىقىپ، قايتا تەكشۈرۈپ، قايتا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق ۋە ياخشىلىدۇق. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نەزەرىيە جەھەتتىن قوراللىنىشنى يېڭىدىن كۈچەيتتۇق، ئىدىيەۋى پەللىنى يېڭىدىن يۈكسەلدۈردۇق، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، خىزمەت ئىستىلىدا يېڭى قىياپەت ياراتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشىدا، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسىگە بولغان ئومۇمىي باھاسىدىكى «ياخشى» دېگەن باھا %99نى ئىگىلىدى.

(4) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەييارلىقىنى ۋە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ ۋە 4 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تەدبىر - چارىلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانمىغا ئىگە قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، يىغىننىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تىرىشىش نىشانى ۋە كونكرېت تەلىپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشتا يېڭى نەتىجە يارىتىش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە يېڭى قىياپەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ پۇختا، كۈچلۈك دېموكراتىيە - قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق.

(5) ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي، كەسكىن ئالغا سىلجىتتۇق. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، قولىمىزدا تۇتۇپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلدۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ھەر تەرەپلىمە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا چوڭقۇر قاتلامدىن سىڭدۈرۈپ، ھەممە ئادەمدە مەسئۇلىيەت بولۇش، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، مۇقىملىقنى تۇتۇشتا بىر مىنۇتمۇ بوشاشماي، قىلچە تەۋرەنمەي، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدۇق، قەتئىي قوغدىدۇق. خىزمەت ئۆلچىمىنى ئەڭ يۇقىرى، روھىي ھالەتنى ئەڭ ياخشى، ئۆزىگە قويغان تەلەپنى ئەڭ قاتتىق قىلىپ تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا باھانە ئىزدىمەي، ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا قىيىنچىلىقنى تەكىتلىمەي، ۋەزىپە تاماملاشتا مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمىغا پائال قاتنىشىپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى» ۋە «ئۈچ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىش»نى ياخشى قىلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى پائال كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە شىنجاڭغا چېتىلىدىغان ئاممىۋى پىكىر كۈرىشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئامېرىكا، غەرب تەرەپنىڭ شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش، ھۇجۇم قىلىش قىلمىشىغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا، ھەل قىلغۇچ پەيتتە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە نەتىجىسىنى نامايان قىلدۇق.

(6) خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى يېتەكچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، يەكۈنلەش، ۋارىسلىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تېگىشلىك ئورنى ۋە رولىنى قانۇن ماددىلىرىدىن تىرىشىپ جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇق. بىرىنچىدىن، خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇردۇق، مۇكەممەللەشتۈردۇق. «بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ۋە تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە قائىدىلەرنى، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى خىزمىتىدە ھەمتۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى چىقىرىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، ئىلمىيلىشىشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولدۇق. ئىككىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى قۇردۇق. ئاساسى ۋە ئالاھىدىلىكى بار ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنى تاللاپ نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، نىزام چىقىرىش «بىۋاسىتە ئاپتوموبىل»ىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشتا خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىدۇق. ئۈچىنچىدىن، مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى قۇردۇق. مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ئەمەلىي خىزمەتچىلەرنى تاللاپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ۋە مەخسۇس كومىتېت مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنى قۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى ئەقلىي تىرەككە ئىگە قىلدۇق. تۆتىنچىدىن، 3 - تەرەپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە 3 - تەرەپنى قانۇن - نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى باھالاشقا تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ ئوبيېكتىپ، بىتەرەپ كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق، تېخنىكا تىرىكى ۋە كەسپىي پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. بەشىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. ھەر قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە، بىر ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق؛ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، مەخسۇس خىزمەت ھەققىدە بەش دەرىجىلىك ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ۋەكىللەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن پىكىر ئېلىپ، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، يۇقىرىغا يوللاش، تۆۋەنگە يەتكۈزۈشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسىنى يارىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. ئالتىنچىدىن، «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى چوڭ دەرسخانىسى» تەسىس قىلدۇق. ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكى، كەسپىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرگە مۇنبەرگە چىقىپ سىياسەت، قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ۋە نەتىجە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق. يەتتىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدۇق. ھەر ساھەدىكى پۇقرالار، ۋەكىللەرنى خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا كىرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى چۈشىنىش، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى سىرتتىن ئاڭلاشقا تەكلىپ قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان يېڭى كۆۋرۈك سېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئارىلىشىش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش يېڭى سۇپىسىنى قۇرۇپ، جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغاپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم، ئاممىۋى پىكىر ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. سەككىزىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بويىچە ئالاقىلىشىش يىغىنى، خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە قەلبداش، خىزمەتتە بىر تاختا شاھمات بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇردۇق.

2. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكىگە ئىگە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە يەنە يېڭى سەھىپە ئاچتۇق

دائىمىي كومىتېت نىزام چىقىرىشنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىي پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نىزام چىقىرىشنىڭ مۇھىم ساھەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، نىزام چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلىدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ نىزامىدىن 5نى چىقىرىپ ۋە تۈزىتىپ، يەرلىك نىزامدىن 22نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردۇق، يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق، يەنىمۇ سۈپەتلىك قىلدۇق.

(1) مۇھىم ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق قىلدۇق. تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ گېئوئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامىنى چىقىرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ گېئوئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نىزامىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچى بىلەن ئەيدىز كېسىلى خەۋپىنى كونترول قىلىش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق قىلدۇق. شەھەر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قاتناشنى ئاۋۋال يۈرۈشتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش نىزامىنى چىقىرىپ، قاتناشتا كۈچلۈك رايون قۇرۇشقا كۈچ قوشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يەرلىك نىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، 120 نىزامنى تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ھەمدە 5 نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىنى نامايان قىلدۇق؛ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان 500 قانۇن - نىزامنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى تەرجىمىسىنى تەكشۈرۈپ ئوقۇپ چىقتۇق، تەكشۈرۈپ ئوقۇش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

(2) نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردۇق. نىزام چىقىرىش سۈپىتىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش كۈچىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نىزام چىقىرىش مېخانىزمى ۋە تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىشتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، باھالاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىشتىكى تېما تاللاش ئۆتكىلى، تەييارلاش ئۆتكىلى، قاراپ چىقىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتچىل نىزام چىقىرىش، ئەسقاتىدىغان نىزام چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشنى كاپالەتلەندۈردۇق. نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ نىزام چىقىرىش تەدبىرى بىلەن ئۆزئارا بىرلىككە كېلىشى، ئۆزئارا جىپسىلىشىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نىزام چىقىرىشقا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ دائىرىسىدە نىزام چىقىرىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە ئارىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ قاراتمىلىقى، ۋاقىتچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چىقارغان نىزاملارنىڭ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىشى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

(3) نىزاملارنى تەستىقلىتىشقا يوللاش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. «ئىككى يىغىن، بىر كۇرس» مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش كەسپى يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ۋە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. نىزاملارنى تەستىقلىتىشقا يوللاش خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، تەستىقلىتىشقا يوللانغان مۇھىم نىزاملارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەستىقلىتىشقا يوللانغان نىزاملارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. تەستىقلىتىشقا يوللانغان نىزاملارنى تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، نىزاملارنىڭ «چاتىقى تۇرۇپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشى»گە قەتئىي يول قويمىدۇق. رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىۋەتلىك جايلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىشى، بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىرىغا ئېتىبار بېرىشى، يەرلىك مەنپەئەتنىڭ چېتىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماسلىشىپ نىزام چىقىرىش ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق.

(4) ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتتۇق. ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە جىپسىلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇپ چىقىپ، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، مۇۋاپىقلىقىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، قېلىپلاشقان ھۆججەتتىن 41نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈردۇق.

3. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىدۇق

دائىمىي كومىتېت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ باغلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زىچ باغلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، 9 قانۇن - نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، 18 مەخسۇس خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، 2 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، 26 تۈردە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلدۇق، تېخىمۇ نوپۇزلۇق قىلدۇق.

(1) مۇقىملىق خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. قانۇن قورالى ۋە نازارەت قىلىش كۈچىنى پائال قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ نورماللىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە يامرىشىنى قەتئىي توسۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، چېگرا ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرانى كۈچەيتىش، مۇداپىئەنى پۇختىلاشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، چېگرا رايوننىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چېگرادىن نورمال كىرىش - چىقىش پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش - چىقىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، چېگرا رايوننىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىدۇق. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى كۈچەپ قېزىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلانمىغا ئىگە قىلدۇق.

(2) ئىقتىسادىي خىزمەتنى نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلان ۋە خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ھەم ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە تەكشۈرۈپ تېپىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 - يىللىق نەق چوتنى ۋە 2019 - يىللىق خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي ياخشى مەنپەئەتلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، يېزا - كەنتلەرنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەشكىلات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگىچە كېڭەيتىش، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش خىزمەت يىرىك پىلانى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 - يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، خامچوتنى ئۇلانما توردا نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مالىيە - ئىقتىسادنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ئىستاتىستىكا قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستاتىستىكا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتىنىڭ چىن بولۇش تۆۋەن چېكىنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتۇق.

(3) ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە دائىر ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىغا تۈرتكە بولدۇق. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى كۈچنى توپلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە ھاۋالە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى نازارەتچىلىكتە نىشاننى ئۆزگەرتمەي، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، سالماقنى بوشاشتۇرماي، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ 2018 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىدە ئىنكاس قىلىنغان كان بايلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ۋە قاراپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقىنى قەتئىي تۈردە ساقلاپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇردۇق.

(4) خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. مۇقىملىق، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىدىن ئىبارەت ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى ئەڭ چوڭ ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى خاتىرجەم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. مائارىپنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ساغلاملىقنى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى ئۇدا 2 يىل قانات يايدۇرۇپ ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولدۇق. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

(5) قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلارنىڭ ھوقۇقنى قانۇن بويىچە توغرا يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەپتىشلىكى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. خەلق زاسېداتېللىرى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ سوت پائالىيىتىگە قانۇن بويىچە قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، زىددىيەت، ماجىرانى ئاكتىپ پەسەيتىپ، ئەلرايىنى ئۇتتۇق ۋە مايىل قىلدۇق.

(6) نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى قاتتىق كۈچەيتتۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى قاتتىق بولمىسا، كۈچلۈك بولمىسا، ئورنىنى يوقىتىپ قويغانلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ، نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش، مەسىلە ھەل قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولدۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرگەندە، قانۇن - نىزامنى زىچ چۆرىدەپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ «قانۇن كۆزەتكۈچىلىكى» بولۇشتەك ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خىزمىتىنى ھەقىقىي نازارەت قىلىپ، ھەقىقىي قوللاپ، قوللاشنى نازارەتچىلىككە سىڭدۈردۇق. نازارەتچىلىك تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. سىجىل نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىك بېسىمىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈپ، بېسىمنى خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇردۇق.

4. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق

دائىمىي كومىتېت خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى دېگەننى پۇختا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «خەلق» دېگەن سۆزنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى باشتىن - ئاخىر كۈرەش نىشانى قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىش، خەلققە بەخت يارىتىش، خەلقنى قوغداشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى كۈچلۈك قوزغىدۇق.

(1) ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ۋەكىللەر خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئالاقىلەشتۇق، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋەكىللەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت - قانۇنلارنى تونۇشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، ۋەكىللەرنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا مەدەت ۋە ياردەم بەردۇق. مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرى ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقىلىشىش خىزمەت مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسپىي بىلىم ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى بولغان ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ئۇنى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ۋەكىللەرنى باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالدىن ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

(2) ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەمىزنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر پائالىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەر پائالىيىتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى پائال تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. 2018 - يىلى ۋەكىللەرنى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەپ چىقىش ئاساسىدا، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەپ چىقىپ، چىڭ تۇتۇش، قاتلىمى يۇقىرى بولۇش، تولۇق قاپلاش، ئۈنۈمى ياخشى بولۇشتەك تەربىيەلەش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردۇق. «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى» قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «ۋەكىللەر ئائىلىسى»، «ۋەكىللەر خىزمىتى ئىشخانىسى»، «ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش پونكىتى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق ھەمدە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، ئۇنى تىرىشىپ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىدىغان «ماي قاچىلاش پونكىتى»، ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان «قەلب كۆۋرۈكى»، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان «قەلبنى ئىللىتىش ئۆيى»گە ئايلاندۇردۇق. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا ئۇچۇرلاشقان «قانات» قادىدۇق. ۋەكىللەرنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق ۋە چوڭقۇرلاشتۇردۇق.

(3) تەكلىپ، تەۋسىيە خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. «مەزمۇن يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش، بېجىرىش يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش»، «ھەم نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم جەريانغا ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ياخشى تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنى بېرىشىگە مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، بېجىرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى ياخشىلاپ، بېجىرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇشتا جىددىي ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، بېجىرىشكە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنى بېجىرىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللەپ، «قەغەز يۈزىدىلا جاۋاب بېرىش»، «جاۋاب بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەل قاراش»تەك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ «ياخشى ساداسى»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىش، ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. تۇنجى قېتىم خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ تۇشمۇتۇشتىن ماختىشىغا ئېرىشتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى مەزگىلىدە بېرىلگەن 15 تەكلىپ، 430 تەۋسىيە شۇنىڭدەك يىغىن يېپىق مەزگىلىدە بېرىلگەن 10 تەۋسىيەنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى، دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى، رازى بولۇش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.

(4) ۋەكىللەرنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردۇق. ئەلرايىنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردۇق. ۋەكىللەر «زېرەك ئادەم» بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە دادىللىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى؛ «ۋاكالەتچى» بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى بىلەن، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، «ھەقىقىي ياخشى ۋەكىل» بولدى؛ «دىلكەش» بولۇپ، ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، سايلىغۇچىلارغا رىشتە باغلاپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، پائال تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ ۋە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بېرىپ، «خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىغان ئىكەن، مەن ۋەكىل بولۇپ خەلقنى كۆزلەيمەن» دېگەن ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «باشلامچى» بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

5. باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قارار قىلىش ھوقۇقى، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزدۇق

دائىمىي كومىتېت مۇھىم، زور ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقى، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا بېرىلگەن مۇھىم خىزمەت ھوقۇقى دېگەننى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا قانۇن بويىچە بېكىتمە، قارار چىقاردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەشكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش بېجىغا تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسى توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى ساقلىدۇق. يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ھەل قىلغۇچ قەدەمنى ياخشى تاشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتنى يېتەكلەشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلۈك رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇردۇق. بارلىق خەلققە ئورتاق بولغان قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، دۆلەت مۈلكىنى تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن بويىچە تەيىنلەش - قالدۇرۇشنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى كۆرسەتكەن نامزاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خادىملىرىدىن 484 كىشىنى قانۇن بويىچە تەيىنلىدۇق ۋە قالدۇردۇق ھەمدە ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە تەنتەنىلىك تەشكىللىدۇق.

6. باش نىشاندىكى فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈردۇق

دائىمىي كومىتېت «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك» دېگەننى پۇختا ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى كۈنسايىن ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بۇرچىمىز ۋە ۋەزىپىمىزنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالدۇق.

(1) پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئورگان ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنە ئورگاننى تىرىشىپ بەرپا قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردۇق. پارتىيە ياچېيكىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقتۇق. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش - ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ساپا يېتىلدۈرۈش، ئىشىغا قاراپ ئادەمنى بايقاش، تاللاپ تەيىنلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى قوشۇنىنى قۇردۇق.

(2) مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. دائىمىي كومىتېت يىغىنى مەخسۇس لېكسىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنى داۋاملىق تەربىيەلىدۇق، يەنە خەلق قۇرۇلتىيى باش كاتىپلىرى، ئىشخانا مۇدىرلىرى قاتارلىقلارنى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچتۇق. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى تۇرغۇزدۇق. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈشى، ئەلرايىنى مايىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. نەزەرىيە تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىجادىي ئىزدىنىش جەريانىغا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردۇق.

(3) ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. تور ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە تور بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ پىكىرلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردۇق، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىغا قولايلىق ياراتتۇق، تەدبىر بەلگىلەش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە ياردەملەشتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى تور پونكىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قەغەزسىز كۆرۈش سىستېمىسى، سىنلىق يىغىن سىستېمىسى ۋە كۆپلىگەن كەسپىي خىزمەت ئۇچۇر سۇپىلىرىنى قۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئۇچۇرلىشىش يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىغا چىقىرىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇردۇق.

(4) خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «بىرىنچى سەپ» روھى، «بىرىنچى سەپ» تەپەككۇرى، «بىرىنچى سەپ» ئەمەلىيىتى، «بىرىنچى سەپ» نەتىجىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش، نائۇستا بولۇپ قالماسلىق، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەش، مەسئۇلىيەت ئېتىزىنى ئاق تاشلاپ قويماسلىق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، نەيرەڭۋازلىق قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدۇق، روھىي قىياپەتنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدۇق. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دائىر 20 تۈرلۈك تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشنى مەنىۋى ئاساس قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزىدۇق، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»قا قەتئىي قارشى تۇردۇق. يىغىن ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يىغىن ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلىدۇق، دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا قاتنىشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، سۆزگە چىققانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، قاراپ چىقىش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىپ چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياراتتۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىز 2019 - يىلىنى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتكۈزدۇق، پۇختا قەدەم بىلەن ماڭدۇق، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھاسىلاتىمىز ناھايىتى كۆپ بولدى. بىر يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلەپ، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى؛ مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ كۈچەش مۇھىم نۇقتىسى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم مەسئۇلىيەت؛ ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى؛ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكلىشىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر شۇنىڭدەك خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى، ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، ھەربىي رايون، بىڭتۇەن، قوراللىق ساقچى قىسمى، رېۋىزىيە كومىتېتى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاكتىپ قاتناشقانلىقى، تولۇق ئىشەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيگەنسېرى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قوللاشلار كۆپەيگەنسېرى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز ئىچىدىن غەيرەتكە كېلىشى ۋە كۈچىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، خىزمەتلىرىمىزدە پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى، ئاساسلىقى: نىزام چىقىرىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسى تېخى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىلا كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە مەسىلىلەرنى بايقاش، كەسكىن، ئەمەلىي تەدبىرنى قوللىنىش جەھەتتە يەنىلا يېتەرسىزلىك مەۋجۇت؛ ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىلا ئالغا سىلجىتىشقا توغرا كېلىدۇ؛ خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىلا ئۆستۈرۈشكە، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىلا ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىمىز. بىز چوقۇم پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەك جاۋابكار بولۇش روھى بىلەن، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن، خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويمايمىز، بۇرچىمىزنى ئاقلايمىز.

2020 - يىلىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر توغرىسىدا

2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت تەسەۋۋۇرى مۇنداق: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپىگە بىنائەن، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ۋە «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا تۆھپە قوشۇش.

1. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. بىز پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكىتىمىزدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبكە سىڭىشى، ئەمەلىي بولۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى تەتبىقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق ئۆگىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، دائىم «قايتا تەكشۈرۈپ»، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا نىشانغا، ئۆلچەمگە توغرىلاپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. يوليورۇق سوراش - دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىشتا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىپ، نازارەت قىلىشتا پارتىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، تولۇق نامايان قىلىنىشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. نىزام تۈزۈمىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىغا تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى كۈچەيتىپ، «پارتىيە تىلى، پارتىيە سۆزى»نى ۋاقتىدا «قانۇن تىلى، قانۇن سۆزى»گە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تۈزۈم لايىھەسى ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلايمىز.

2. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دائىمىي كومىتېتنىڭ 2020 - يىللىق خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت. بىز ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە ۋە مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 8 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقىمىزنى قانۇن بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈپ، تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش جەھەتتە باش قاتۇرۇپ، ھەم ئۇنىڭغا ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپ بولغانلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخى ئىشلەپ بولالمىغانلىرىدا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ھەم نىشانغا قاتتىق توغرىلاپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.

3. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ شارائىتتا توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى سىنايدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، باش نىشانغا بويسۇنۇشقا، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تارىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ياخشى تېرىيمىز، ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشت تەدبىرىگە زىچ باغلاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەۋزەللىكى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە دائىر نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەر ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتىكى ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تۈردە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاپ، مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلىمىز. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا ئىشلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىمىز.

4. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاۋۋال نىزام چىقىرىش، قانۇن بويىچە ياخشى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. بىز پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، خەلق ھۆكۈمىتى تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر - دىن، ئىدېئولوگىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ قانۇن سىستېمىسى بىلەن يۈرۈشلەشكەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشقان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن جىپسىلاشقان يەرلىك نىزام سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىقىرىلغان ھەربىر نىزامنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چىقىرىلغان نىزامنىڭ يەرلىكنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. بۇ يىل بىز ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، كىلىمات بايلىقىنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە ئېچىش نىزامى قاتارلىق نىزاملارنى چىقىرىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش نىزامى قاتارلىق نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزىمىز، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار قاتارلىقلارنى چىقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، رايونلار ماسلىشىپ نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. نىزام بولسىلا جەزمەن ئەنگە ئالدۇرۇش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغدايمىز.

5. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز.خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، دۆلەت ۋە خەلققە ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىلىدىغان، قانۇن كۈچىگە ئىگە نازارەتچىلىك، ئۇ ھوقۇق، يەنە كېلىپ مەسئۇلىيەت. بىز ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ياخشى تەشكىللەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. قانۇندا بەلگىلەنگەن نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، نازارەتچىلىك شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دەۋا مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشى، جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكى قاتارلىق مەخسۇس خىزمەتلەر ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز، قاراپ چىقىمىز ھەمدە ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.

6. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. خەلقنىڭ ئىشىنىشى، قوللىشى ۋە ھىمايە قىلىشى باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ چوڭقۇر كۈچ مەنبەسى ۋە مۇستەھكەم سىياسىي ئاساسى. بىز ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىشانى قىلىمىز. «ئىككى ئالاقىلىشىش» تۈزۈمى، ۋەكىللەر دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «ۋەكىللەر ئائىلىسى» قاتارلىق ۋەكىللەر مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ۋەكىللەر چوڭ دەرسخانىسى»نى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋە مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە ئارىلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ۋەكىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ياخشى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيە بېرىش خىزمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەر مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش دوكلاتى بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ۋەكىللەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى، ئۈلگە كۆرسىتىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە «13 - بەش يىللىق»يىرىك پىلاننىڭ تولۇق تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەلرايى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

7. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنى بولۇشىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايدىغان ۋەكىل ئورگان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تىرىشىپ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، بۇرچ تۇيغۇسىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەمۇنە ئورگان ۋە قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىمىز. «ئىچكى ماھارەت»نى ئوبدان مەشىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى، نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىمىز، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى، خىزمەت مېخانىزمى، ئىش قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەلىللەش، مۆلچەرلەش، باھالاش، ئىسپات ئاڭلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان تەشكىلىي تۈزۈم ۋە ھەرىكەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ماس قەدەمدە تەڭ ئىشلەيمىز، تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇشقۇنلۇق، جاسارەت، توغرا كەيپىياتنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، كۈچىمىزنى چىقىرىپ، تۆھپە يارىتىپ، باشتىن - ئاخىر يېتىشىپ مېڭىپ، بەرداشلىق بېرىپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشتىكى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»،«تۆت كەيپىيات»قا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە ياخشى ئىستىل ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، شانلىق نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا، كەلگۈسىدە غەلىبە قازانغىلى بولىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.