تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى

 نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى ياڭ، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، 14 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن قاتارلىقلار يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەزا جياڭ پىڭئەن گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەپسىلىي يىرىك پىلان تۈزۈپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تېخنىكا ۋە ئەندىزىنى بېكىتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، كۆزلىمە نەتىجە - ئۈنۈمگە يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەزا غۇنچەم جۈمە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي قانۇنچىلىق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، خۇاچياۋ، تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قەدەم - باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزا ما خۇادۇڭ دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: شالغۇت شاتۇت دەرىخى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەشنى زورايتىپ، تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئايلانما كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەزا خەن مىڭيۈەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، سوتسىيالىستىك زامانىۋى مەدەنىيەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزا سۈن يۈخۇا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇقلاپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ تۈرلىرىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىلىرىنى زورايتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

ئەزا لۇەن جىگاڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يانداشما قۇرۇلۇشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەزا جيا ديەنزېڭ «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كونا مەھەللىلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەبلەغ توپلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك مەخسۇس ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ، كونا مەھەللىلەرنىڭ يول، سۇ، گاز، ئىسسىقلىق، يورۇتۇش قاتارلىق شەھەر مەمۇرىيەت ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەزا ما يەنبو مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئوقۇش - ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش كېرەك.

ئەزا جاڭ خۇي دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

ئەزا ئەنسار سەمەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇغراپىيەلىك بەلگىلىك كەسىپلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەزا مېڭ چىڭسەي دېھقان - ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئومۇمىي سەھىيە، ئومۇمىي ساغلاملىق» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى، غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىق بىلىملىرى تەربىيەسى، تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەزا شيې شۈەن ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇقراۋى ئىگىلىك يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىشكە يېتەكلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزا ئىلمان ئەزىمەت مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تېز تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ «تەبىئىي ئەۋزەللىك»نى، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ «جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك»نى، مۇقىم، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتىن ئىبارەت بۇ «ئادىمىيەت ئەۋزەللىكى»نى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش كېرەك.

ئەزا ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ماھارىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، پېڭ جيارۈي، ۋاڭ مىڭشەن، رېن خۇا، مەڭلىك سىيىت، قادىلبېك قامزا يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.