ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئېچىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى    شاۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى.

(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. 500گە يېقىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ، قىزغىن ئىدى، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن ۋە قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 536 كىشى. بۈگۈن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل 481 كىشى بولۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، باشلىنىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى شاۋكەت ئىمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2019 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2020 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر؛ ئۈچىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2019 - يىلىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدۇق، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى مۆلچەرىمىزدىكىدەك بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق.

شۆھرەت زاكىر جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى كۈچەپ ساقلاش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مالىيە، پۇل مۇئامىلىنىڭ تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەننىڭ خىزمىتىنى قوللاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2020 - يىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %6 ئەتراپىدا، %7.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 ئىچىدە كونترول قىلىش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى %3 ئەتراپىدا كونترول قىلىش، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى قېپقالغان نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قالپىقىنى تاشلاش قاتارلىقلار.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى نى - نى ئىشلارنى قىلالايدىغان مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئۈچىنچى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ بەشىنچى، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلىكنى تۈرتكىلىك كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، خەلققە بەخت يارىتىشى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ ئالتىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىلگەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يەتتىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ سەككىزىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ توققۇزىنچى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشى، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئونىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت - دىن سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئون بىرىنچى، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن بايان قىلدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بار. ئاپتونوم رايوندىكى قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم يولداشلار تەكلىپكە بىنائەن باشلىنىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.