تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتناشتى، شاۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى، بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلمىي يېتەكچى ۋە مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالار ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك دېموكراتىك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق مۇھىم خىزمەت، مۇھىم ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئۈچىنچى، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نىزام چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قانۇن بويىچە ماھىرلىق بىلەن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام چىقىرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ھەربىر تۈرلۈك نىزام چىقىرىشنى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نازارەتچىلىك شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، قانۇنچىلىقنىڭ بىرلىكى، ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق مەنپەئىتىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئىشقا ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇق يۈرگۈزۈش، خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئالتىنچى، مۇھىم، زور ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىشىش، دېموكراتىيەلىشىش، قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇھىم خىزمەت ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىغا خىزمەت دوكلاتى بېرىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قارار، بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ۋە قايتما ئىنكاس قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

شاۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، بىڭتۇەن 8 - شىسى شىخەنزە شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.