تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار قاتارلىقلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمىز

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، بۇنىڭدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار قاتتىق غەزەپلەندى، بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خاس ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇپ، تۆھمەت قىلغۇچىلار، قارا چاپلىغۇچىلارغا ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىمىز.

«مەن شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدۇم. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق - رايىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولۇۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشقا ئاشقان.» جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دېڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «تەستە قولغا كەلگەن ئىناق، مۇقىم ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئۈلگە كۆرسەتكۈچىلىرى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمىز».

«بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. ئۆتكەنكى بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ، شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئىجابىي باھا بەردى.» جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى يوۋ جياڭبىن مۇنداق دېدى: «بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تېخىمۇ پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز».

«ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسىلا، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېدى جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۈن يۈخۇا.

«شىنجاڭنىڭ سىجىل گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللىغانلىقىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. مەن ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خاۋ جيەنلىڭ.

«شىنجاڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنى كۈچلۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ تۈپتىن قوغدىغانلىق» دېدى «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شياۋ خۇ.

«مەن ئاددىي داۋالاش خىزمەتچىسىدىن سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى رەھبىرىي كادىر، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ يېتىلدىم، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىن، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن كەلگەن.» پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېرزات زادە مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئەمەلىي ساغلاملىق بەخت - سائادىتى ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ تۆھمەت قىلىشىغا، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىشىغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىمەن!»

«مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مىللىي كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت.» يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئانار روھى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى غەنىزات توختى مۇنداق دېدى: «مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، يېڭى تاراتقۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى ياخشى ئېيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمەن».

«شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭگوغا بوھتان چاپلاشقا، قارا چاپلاشقا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستكە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقى قەتئىي قوشۇلمايدۇ!» چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى دورىگەرلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭى مۇخپۇل ئابلىز مۇنداق دېدى: «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، شۇنداقلا تۈركۈم - تۈركۈملىگەن چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئىرادىدىن يانماي، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتى. بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - چەت ئەلنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ئەلئارا ئەلچى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى ئېيتىپ، شىنجاڭ ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، شىنجاڭ ئوبرازىنى ياخشى نامايان قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.