تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن قاتناشتى نۇرلان ئەبىلمەجىن رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيەنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

بىرىنچى، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەش، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، دېموكراتىيەسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يول، تۈزۈم، بايراق، يۆنىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسىلىلەردە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنى مۇقىم، ئەمىن قىلىشتىكى ئاكتىپ كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ساداسىنى سەمىمىي كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ھەقىقىي ئىنكاس قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە يۈزلىنىپ ئورتاق تونۇشنى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر ساھەدىكى ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەزالىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەخلاق - پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ساھە ئايرىمىسى بويىچە ئامما بىلەن پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، پارتكومدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار بىلەن باشلامچى بولۇپ كەڭ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشىدە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيەلىك ئەزالار ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تىرىشىپ پۈتۈن جەمئىيەتتە خەلق سىياسىي كېڭىشىنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق يۆنىلىش بەلگىلەپ، يول باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەركىزىي ھالقىنى ئىگىلەش، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش ۋە كەڭ ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا، سىياسىي كېڭەش قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.