تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ −

تېخىمۇ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، ھەق - ناھەق ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشتەك ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىش. يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ، ھازىر شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، مەدەنىيەت گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەم ياشىشى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ تۆھمەت قىلىشى، قارا چاپلىشىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى ئىنكاس.

ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كۆزىنى ئېچىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ

«بىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلاردىن بەكمۇ سوراپ باققۇمىز بار، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟» شىنجاڭ سېركچىلەر جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى رەنا يۈسۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇنىڭ يېزا - كەنتلىرىگە باردىم، قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك سېلىنىپتۇ، ھەر مىللەت ئامما ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ، خاتىرجەم ياشاۋېتىپتۇ».

«شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ھەممىگە ئايان − ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىگەن پاكىتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىيات سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن تېخىمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالدى، شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، جېنىنىڭ بارىچە قارا چاپلىدى» دېدى «شىنجاڭ سەنئىتى» (ئۇيغۇرچە نەشرى) ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئۆمەر ئىمىن غەزەپلەنگەن ھالدا.

«ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كۆزىنى ئېچىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، پاكىتنى چۈشىنىشنى خالىمايدۇ، پەقەت بىر تەرەپنىڭ يالغان گەپ ۋە تۆھمەتلىرىنىلا ئاڭلاپ ئىشىنىپ، كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىدۇ، نىيىتى ئىنتايىن يامان» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس قادىلبېك قاقان.

شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

«شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەتتە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئەلىجان مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قانۇن بويىچە بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توستى، بۇ، كەڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەڭ ياخشى قوغدىغانلىق.

«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باشلىقى گۈلجەننەت ئىسمائىل كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بۇزۆھرە روزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى. بۇزۆھرە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن كەشتە تىكىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، قولدا كەشتە تىكىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. «بۇزۆھرەنىڭكىگە ئوخشاش بۇنداق ھېكايىلەر يەنە ناھايىتى كۆپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆگەنگەن ماھارىتىنى ئىشلىتىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى» دېدى گۈلجەننەت ئىسمائىل.

تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز

جۇڭگو ئەلئارا ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەلئارا ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما شيۇڭفۇ مۇنداق دېدى: «پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام راۋاجلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىدى، بۇ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت».

ئەلىجان مەمەت مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇۋالالمايدۇ!»

«ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ، 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشساقلا، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقالايمىز!» ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، گاۋ فاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.