تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زىيالىيلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتىمىز بىلەن گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرىمىز −

تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ ئارقىلىق ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە رەزىل نىيەتتە قارا چاپلىدى، ھۇجۇم قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت زىيالىيلار بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش ھالىتىمىز بىلەن تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل سۇيىقەستىنى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت قىلىمىز.

ئىشەنچنى چىڭىتىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز

شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قۇربانبېگ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>دە يامان غەرەز يوشۇرۇنغان، بىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىمىز.»

«مەن پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دەيمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى تۈزدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد - جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقارغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پەقەت ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ، پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان قىلىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۆپ تۆھپە قوشىمىز

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى!» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (يۈەنجاڭى) ھەبىبۇللا سالام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن خەلقنى تىنچ - خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ قاراپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىغا، خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللىشى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا <ئۈچ خىل كۈچ>كە يانتاياق بولۇپ يەل بەرگەنلىك، بۇ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالغانلىق، يامانغا يانتاياق بولغانلىق بولۇپ، نىيىتى رەزىل! بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە!»

«مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانىدىم، ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كۆتۈرەڭگۈ، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپەتكە ئىگە بولۇپ، بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، تۇماندىن قۇتۇلۇپ يورۇقلۇققا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن چىن قەلبىمدىن بۇ خىزمەتكە ئاپىرىن ئېيتتىم!» ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئالىم ياقۇپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ.»

قول تۇتۇشۇپ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرىمىز

«شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز ئۇنى ھەسسىلەپ ئاسراپ، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى زۆرەم باۋۇدۇن مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرىمەن.»

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابان مالىتقان مۇنداق دېدى: «مۇقىملىق − بەخت، مالىمانچىلىق − ئاپەت. ھازىر، شىنجاڭ جەمئىيىتى گۈللىنىش، مۇقىملىقنى سىجىل ساقلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پەقەت بىز بىرلىكتە زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، چوقۇم ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق ھىيلە - مىكىرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.»

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.