تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشر قىلىنىدىغان 24 - سان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى «ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەنگەن: ھەرقايسى رايونلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەش، تەرەققىياتنى ئەلالاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئاساسىي گەۋدە فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشلۇقنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ھازىرقى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپى تەرەققىيات ئامىلىنى كۆتۈرىدىغان ئاساسلىق بوشلۇق شەكلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بىز جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات يېڭى پىكىر يولىنى پىلانلىشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: يېڭى ۋەزىيەتتە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى مۇنداق: ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە رايونلارنىڭ سىياسەت سىستېمىسىنى تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەۋزەل رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇس كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، باشقا رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، چېگرا رايون بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەنگەن: رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مېخانىزمىنى كۆپ جەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار بازىرىنى شەكىللەندۈرۈش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش، مالىيە يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي شىمال رايونىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىقنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئالدىنقى سېپى يارىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇنەۋۋەر كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېنىق ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.