تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا تەشەببۇسنامە چىقاردى

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا تەشەببۇسنامە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلدى. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يەردە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالارغا مۇنداق تەشەببۇسنامە چىقاردى:

بىز ماھىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا جەمئىي نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە يېنىكرەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇۋېلىپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)لىرى يۈزبەرمەي، گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، جەمئىيەت ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە ياراتتى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە جۇڭگوغا قول شىلتىپ كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» يامانغا يانتاياق بولغانلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە يوققا چىقارغانلىق، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىق، «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسقانلىق.

بىز دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. قارا بۇلۇت قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، ھەققانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنداق قىپيالىڭاچ زومىگەرلىكى ۋە «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستى ئالدىدا، بىز «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سەگەك كاللا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، باشتىن - ئاخىر قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى تەۋرەنمەي ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئۈنۈملۈك بولغان مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرماي ساقلاپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور چەكتە قولغا كەلتۈرۈپ ۋە مۇجەسسەملەپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» ۋە «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى سىجىل ياخشى قىلىشى، «ئۈچ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كاشىلا قىلىشتەك رەزىل نىيىتىنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسىنى قەتئىي ياڭرىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

بىز ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى، بىز ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شۇنچە ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، ھەسسىلەپ قوغدىشىمىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تېخىمۇ قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «1+3+3» خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، مىننەتدارلىقىنى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئىتتىپاقلاشقان، بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق يىلتىزى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، مۇھاپىزەتچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىشىمىز كېرەك.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمغان، ئويدۇرۇپ چىقارغان، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغان بارلىق رەزىل قىلمىشلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك! ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا، تۆھمەت، بۇرمىلاش، قارا چاپلاش ۋە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا ئىلگىرىلەش پاكىتىنى يوققا چىقىرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ! شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ! شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى

2019 - يىل 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.