تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ

ئامېرىكىنىڭ تۆھمەت قىلىشى، قارا چاپلىشىغا قارىتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى. بۇنىڭغا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلار قاتتىق نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىدى. ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم.

«كىشىلىك ھوقۇق» دەستىكى رەزىل نىيەتنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ

«ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللىشى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق رەزىل ئويۇنى، جۇڭگوغا <قالپاق> كىيگۈزمەكچى بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ، پەقەت ئۆزىنى ئۆزى رەسۋا قىلىدۇ!» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى، پىروفېسسور زۇلھايات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىدە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تىنچلىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەخلاق - ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» چوقۇم كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ماخمۇت ئابدۇۋەلى بۇ يىل 10 - ئايدا قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئۇ شەمشىقەمەر ئىسىملىك بىر قىزنى ئۇچراتتى، بۇ قىز بىر ئائىلىۋى ساياھەت باغچىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدىكەن ھەم ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، ئۇ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بولۇپ، بۇ يىل 23 ياشقا كىرىپتۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە شەمشىقەمەر دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق بوپتۇ؛ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپتۇ، ئۆز ئالدىغا ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ. «پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، تامامەن توغرا.» دېدى ماخمۇت.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبېرىپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. «بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تېررورىزمنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.» قومۇل شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، ئېۋىرغول رايونى جۇڭشەن جەنۇبىي يولى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەخەت دولقۇن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈرگەنلىك. دىنىي ساھەدىكى زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارنى مەردانە ھالدا كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، يەنە ئاغزىڭلارغا كەلگەننى جۆيلۈپ، يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارماڭلار! بىزنىڭ تىنچ - ئىتتىپاق، گۈزەل - بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش چوقۇم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ».

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەققانىي تەدبىر

«مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە بىر يىلدىن ئارتۇقراق ئۆگەندىم، تۇرمۇش كەچۈردۈم، بۇ يەر پۈتۈنلەي تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ ئىگىلىشىگە، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئوچۇق شەكىلدىكى جەمئىيەت مەكتىپى، بىز تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قايتىدىن بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىزدىكى قولتۇق، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ جۆيلۈگىنىدەك <جازا لاگېرى> ئەمەس.» قاغىلىق ناھىيەسى يىلىقچى يېزىسىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى زەينۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «بىر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغۇچى بولساممۇ، جەمئىيەت مېنى تاشلىۋەتمىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى، مېنىڭ ئائىلەمنى قۇتقۇزۇپ قالدى. مەن ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارنى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بارغانسېرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، كىشلىك ھوقۇق تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى».

قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتقاچقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئاشتى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، شىنجاڭدىكى بارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا <يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش، توققۇزنى سەپلەش> يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. <ئۈچ خىل كۈچ> ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمىز!».

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئەكبەر ئەكرەم مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەڭ زور چەكتە تېررورىزم، ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەر قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، ئەڭ زور چەكتە تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتى يوقىتىلىپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. «ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كىشىلىك ھوقۇقنى تۈپتىن قوغدىغانلىق. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ، ئامان بولدى.» دېدى ئەكبەر.

شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشتى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد گۈللىنىپ راۋاجلاندى، تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى. «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 41 مىليارد 787 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.6 ئاشتى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى چىقىمى ئومۇمىي چىقىمنىڭ %73ىنى ئىگىلىدى. بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل، مۇقىم مۇھىتتا خەلق تۇرمۇشىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى، بەختلىك، ئىناق، خاتىرجەم ياشايدىغان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق كۈچ گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!» دېدى نىياز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. «پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك بىر ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چوڭ، ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن» دېدى ئۇ.

«تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم يورۇپ، نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ، ئۆزۈممۇ روھلىنىپ قالدىم، ئۇرۇق - تۇغقانلار ۋە دوست - بۇرادەرلەرنىڭ مەن بىلەن بولغان بېرىش - كېلىشى قويۇقلاشتى، يەنە پۇل تېپىپ ئائىلەمنى باقالايدىغان بولدۇم، ئىلگىرىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنىپ ئادەم دېسە ئادەمگە، ئالۋاستى دېسە ئالۋاستىغا ئوخشىمايدىغان ئاشۇ كۈنلىرىم بىلەن خوشلاشتىم.» ئاتۇش شەھەرلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى توختىگۈل سەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھازىرقى چوڭ، ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت خەلقنىڭ ئارزۇسى. «مەن باشقىچە نىيىتى بار ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق بولغان بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمايمەن، مەن ئۇلار بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.