تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇسالام سادىق

يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلىدى ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭغا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە! ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى، ئۇنىڭ رەزىل غەرىزىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى! ئامېرىكا تەرەپ ئىزچىل رەزىل ھىيلە - مېكىرىنى ئىشقا سېلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ كونا ھىيلە - مىكىرىنى تەكرارلىشى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىدىكى ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىكىنى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىشى، ئەكسىچە قالايمىقان بىلجىرلىشى، قول تىقىشى «كىشىلىك ھوقۇق»نى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇغانلىق!

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى! شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ئىنسانلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن زور توسقۇنلۇق قىلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلىرىدىن قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. سوراپ باقايلى! قايسى بىر دۆلەت، قايسى بىر رايون تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ يامرىشىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشىغا قاراپ تۇرالايدۇ؟

كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈچلۈك ساداسى ئالدىدا، شىنجاڭ مەۋقەنى رېئال ئەھۋالغا قويۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قانۇن بىلىملىرىنى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ۋە كەسپىي ماھارەتنى ئۆگەتتى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆيىگە قەرەللىك قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئەركىنلىكى بار، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. نۆۋەتتە، «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش»كە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەربىيەنى تاماملاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يامان ئەمەس كىرىمگە ئىگە بولدى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. لېكىن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، بىزنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك. ئەجەبا ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلار تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئازدۇرۇشى ۋە كۈشكۈرتۈشىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ نەتىجىسى ئۇلارنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزىدىغان تۇيۇق يولغا ماڭغۇزۇش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىي بىلەن بەدەل تۆلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق بىلمەمدۇ؟ بۇنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش دېگىلى بولامدۇ؟

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى. مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شىنجاڭ قوللانغان تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ھەر مىللەت ئامما چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلەيدۇ. سوراپ باقايلى! ئەگەر «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلمىسا، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشى بولامتى؟

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چوقۇم كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى بۇ سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشتەك رەزىل سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: بايرىقىم روشەن ھالدا شىنجاڭغا بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاش، دۆلەتنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش قىلمىشلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.