تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۆھمەت قىلىشىغا يول قويمايمىز

شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئامما:

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىگە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۆھمەت قىلىشىغا يول قويمايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن جې

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشتىكى تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلىدى ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلىدى. شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ۋەزىيىتىدە تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەڭداشسىز مۇھىم رول ئوينىدى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمى ۋە زومىگەرلىك لوگىكىسى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، شىنجاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى تۈزىگەنلىكىدەك پاكىتقا ھەرقانداق تۆھمەت قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق

«مېنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى. ئالدىنقى يىللاردا، شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئامما دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، مەدەنىي جەمئىيەت ۋە زامانىۋى تۇرمۇشتىن يىراقلاپ كەتكەنىدى، كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى مەمەت ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىگە ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلگەنلىكىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلەر كۆپ يۈزبەرگەنلىكتىن، ئۈزۈلمەي يۈزبەرگەنلىكتىن باينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

«بىرنەچچە يىل ئىلگىرىكى شىنجاڭ ئېسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ، ئەينى چاغدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى خۇددى ۋاباغا ئوخشاش يامرىغانىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەتئېلى تۇرغۇن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى، كۆپچىلىك تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ ئاشتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قىلمىشى پۈتۈنلەي ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق بولۇپ، بىز ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز».

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شۆ جاۋبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون پىلانىنىڭ پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقىنىمغا بەش يىلدىن ئاشتى، بۇ جاي ئاللىقاچان مېنىڭ <ئىككىنچى يۇرتۇم>غا ئايلاندى. ئىلگىرىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇشتىن تارتىپ ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىگەنگە قەدەر، مەن شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش <قانۇن لايىھەسى>دە پاكىتقا كۆز يۇمۇلۇپ، تىرىشچانلىقىمىز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىندى، بۇنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس».

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى گۈلشات شىرئەلى مۇنداق دېدى: «ئويلاپ باقايلى، ئامېرىكا تەرەپ <مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى>نى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا - مېكسىكا چېگرا تېمىنى سېلىشقا تۈرتكە بولدى، بۇ قىلمىشلار ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق قوۋملارغا بولغان ھەقىقىي پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار يەنە قانداقمۇ يىراقتىكى جۇڭگو شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسۇن؟»

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىكى نىجات مۇختەر ئىلگىرى دوستلىرىنىڭ تەسىرىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان. توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ خوتۇنىنى گىرىم قىلدۇرمىغان، بالىسى ئاغرىپ قالسىمۇ دوختۇرخانىغا ئاپارمىغان، يەنە باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلاشقان. «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانۇن بىلىملىرىنى سستېمىلىق ئۆگەنگەندە، مەن ئىلگىرى خوتۇنۇمغا قانچىلىك ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىمنى تەدرىجىي تونۇپ يەتتىم. بىر كۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ كەچۈرۈم سورىدىم، شۇ ھامان خوتۇنۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.» تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، نىجات ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بارغانسېرى ئىناق ئۆتىدىغان بولدى، «مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىمەن، مەن بەختلىك ئائىلەمگە قايتا ئېرىشتىم».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى غەيرەت ئەنۋەر 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوتەن كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىزمنىڭ قارا تۇمانلىرى ئارىسىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ھەربىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىپتۇ. مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا نوتا ئۆگىتىپتۇ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارغا تېخنىكا ئۆگىتىپتۇ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىشكە يېتەكلەپتۇ. «ئۇلاردىكى ئىلگىرىلەشلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم» دېدى غەيرەت.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كامىل سەمەت مۇنداق دېدى: «پەرزەنتى خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئانا ۋەتەننىڭ كارى بولماي قالمايدۇ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەرگىزمۇ كىشىلىك ئەركىنلىكنى چەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىدىغان تەدبىر ئەمەس. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگۈچىلەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن - نىزام، كەسپىي ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆگەندى، كۆپ قىسىم تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن ماھارىتىگە تايىنىپ، رازى بولغۇدەك خىزمەت تېپىپ، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى».

ھەر مىللەت ئامما جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشتى

«ئىلگىرى شېغىل يوللار ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغاچقا، 1984 - يىلى مەن شاڭخەيگە داشۆدە ئوقۇشقا بارغۇچە گۇمىدىن ئۈرۈمچىگە بېرىش ئۈچۈنلا ئالتە كۈن يول يۈرگەنىدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تۇرغۇن ئۆمەر ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يۇرتۇمدا ئۈزلۈكسىز بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم. بۈگۈنكى كۈندە، مەن ھەر قېتىم گۇمىغا تۇغقان يوقلاپ بارغاندا ئايروپىلاندا ياكى پويىزدا بارىدىغان بولدۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولمۇ ناھىيەگە تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسفالت يول يېزا - كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى. كەنتتىكى قاتار - قاتار رەتلىك، چىرايلىق سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن يېڭى جۇڭگودا تۇغۇلغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېس قىلدىم ۋە پەخىرلەندىم».

خوتەن ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان تۇنسا مەتروزى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. بۇ يىل 2 - ئايدا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، يېزا باشلىقى ھەبىبە يۈسۈپ ئۇنىڭ ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدا چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئېچىشىغا ياردەملەشتى. «دۇكىنىمنىڭ ئىسمى <مېيلىئېر> بولۇپ، مەنىسى بارلىق مېھمانلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، خۇشال قىلىش. نۇرغۇن ئاچا - سىڭىللار دۇكىنىمدىن چىققاندا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، مېنىڭ ھۈنىرىمنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن دەپ ماختىشىپ كېتىدۇ». تۇنسا مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن ھەر ئايدا 6000 يۈەن تاپالايمەن، يەنە نامرات ئائىلىدىكى ئىككى قىزنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلدىم. كەلگۈسىدە دۇكاننى يەنىمۇ چوڭايتىمەن».

قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونىنىڭ ئاھالىسى شېڭ يەنفېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ بىرنەچچە يىلدا مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ - كۇچا تاشيولى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا بارغانسېرى تونۇلۇپ، مايتاغ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، شەھەر قىياپىتىدىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئۆزگىرىش بولدى».

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەسى ئىچكىرى رايونلاردىكى بىر تۈركۈم كارخانىلارنى كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلدى، ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى %14.89تىن %2.2كە تۆۋەنلىدى، بۇ يىل يىل ئاخىرىدا پۈتۈن ناھىيە ئومۇمىي گەۋدە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. غەربتىكى ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدىغان ئاشۇ سىياسەتۋازلار، سىلەر <قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش>نىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دېدى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.