تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشىنى ئېنىق تونۇپ يېتەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى قۇربانجان نەيىم

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، ئوچۇق - ئاشكارا زومىگەرلىك قىلمىشى. ئۇيغۇر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىمنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

ئامېرىكا تەرەپ «قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىشقا شۇنچىلىك قىزىقتى، بۇ قىپيالىڭاچ، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنىڭ يامان غەرەزدە ئىغۋا تارقىتىدىغان، نومۇسسىزلارچە بىمەنە زومىگەرلىك قىلىدىغان قىلمىشىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى، جۇڭگونى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل غەرىزىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايدى. ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە غالجىرلىق بىلەن بوھتان چاپلىدى، ھۇجۇم قىلدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسلا باشقا دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولماستىن، ماھىيەتتە «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولغانلىق، يەل بەرگەنلىك.

12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋە 7 - كۈنى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى باش تېما قىلىنغان ئىنگلىزچە ئىككى ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى» ۋە «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول − <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> ۋە شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى»نى كۆرسەتتى، ھۆججەتلىك فىلىمدە زوراۋانلىق، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن ئازابى ئاز كۆرۈلىدىغان كەڭ دائىرىدە، ھەرقايسى تەرەپتىن سىرتقا نامايان قىلىندى، بۇ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. لېكىن چەت ئەللىك تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرە قىلغىنى بىلەن كۈچلۈك تەتۈر پەرق شەكىللەندۈرگىنى شۇكى، «شىنجاڭ مەسىلىسى»گە ئىزچىل كۆز تىكىپ كەلگەن غەرب ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرمەي، كوللېكتىپ زۇۋان سۈرمەسلىكنى تاللىدى. بۇ ئەجەبا، شىنجاڭنى خەۋەر قىلىشتا، غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پوزىتسىيەسى بىلەن ئەمەس، بەلكى تاللاش خاراكتېرىدە خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ. لېكىن، مەيلى غەرب تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلسۇن ياكى خەۋەر قىلمىسۇن، شىنجاڭ توغرىسىدىكى پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە، پولاتتەك پاكىتلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ. خۇددى قارا بۇلۇت ھامان قۇياشنى توسۇۋالالمىغاندەك، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھامان ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.

ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر سانى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40تىن كۆپرەك ئاشتى، مۇقىملىق قويۇپ بەرگەن پايدا كىشىلەرنىڭ مۇقىم بەختىنىڭ تىرىكى بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالاھىدە قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈندى. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.91كە يەتتى؛ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە، ھەر يىلى ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى نورمال كۆپەيگەندىن سىرت، مەركەز شىنجاڭ ئۈچۈن ئالايىتەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەخسۇس تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى بالىلارنى ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ تېخىمۇ ياخشى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى قاتارلىقلار، مۇشۇنداق سىياسەت جەھەتتىكى ئېتىبار بېرىش دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس ئېھتىمال دۇنيا دائىرىسىدىمۇ ئاز كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈش، يۇرتىنى گۈللەندۈرۈش جۇشقۇن ھېسسىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق ئەيىبلەش، توسقۇنلۇق قىلىش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنگە تەلپۈنۈش ئىرادىسىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق ئارىلىشىش، ئىغۋاگەرچىلىك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتى قانچىكى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا ئۇچرىغانسېرى، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى شۇنچە زورايغان. ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە جىنايى سۇيىقەستىگە قارىتا، بىز كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، «كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە ئەگمىدۇق باش، سوقسىمۇ بوران - چاپقۇن، ھېلىھەم تۇردۇق مانا ياپياش» دېگەندەك مۇستەھكەم تۇرۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل، باي قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك، تىنچ تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە تەربىيەلەيمىز، يېتەكلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.