تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چەت ئەللەردىكى زاتلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، كۆپ دۆلەتتىكى زاتلار ھەم چەت ئەللەردىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، بۇ، ئوچۇق - ئاشكارا زومىگەرلىك قىلمىشى.

ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسېسكودىكى جۇڭخۇا باش ئۇيۇشمىسى سارىيىنىڭ سابىق باش مۇدىرى خۇاڭ چۇۋېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان ئەسەبىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خاتىرجەم ياشايدىغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان. شىنجاڭدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

تايلاند جېڭدا باشقۇرۇش شۆيۈەنى يۈەنجاڭىنىڭ ياردەمچىسى، شيەنلو ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رەئىسى خۇڭ فېڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كالتىكىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قىممەت سىستېمىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە تاڭدى، خەلقئارا قانۇن - قائىدىلەرگە پىسەنت قىلمىدى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىدى، كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى، بۇ جاھانگىرلىك - زومىگەرلىك ئىستىلى. غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش كەسىپ ئەخلاقىنى يوقاتتى، جۇڭگوغا قارا چاپلىغان نۇرغۇن تاراتقۇ مۇخبىرى جۇڭگوغا بېرىپ باقمىغان.

ئاۋسترالىيەدىكى پۈتۈن ئاۋسترالىيە جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توڭمىڭخۇي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چيەن چىگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەسلا مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق چەت دۆلەتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ يۇقىرىقى «قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە قەستەن قارا چاپلاپ، ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىدى، نىيىتى رەزىل.

يېڭى زېلاندىيەدىكى جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، يېڭى زېلاندىيەدىكى خۇارېنلار تەشكىلاتى بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خۇاڭ ۋېيجاڭ قاتارلىق يېڭى زېلاندىيەدىكى خۇاچياۋلار رەھبەرلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: مەزكۇر «قانۇن لايىھەسى»دە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى بۇرمىلانغان، قارا چاپلانغان ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەنگەن، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق بولۇپ، خۇاچياۋ، خۇارېنلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. چەت ئەللەردىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

بېلگىيەدىكى سەيبەيسى جۇڭگو - ياۋروپا سودا مەسلىھەتچىلىكى شىركىتىنىڭ باش لىدىرى فرېدېرىك باردان مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا ئىزچىل ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئۇرۇندى. كىشىلەر شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتىكى، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بىرازىلىيەدىكى بىرازىلىيە - جۇڭگو سودا - سانائەتچىلەر باش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېلزابېل كاۋالو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا قول تىقىشى پات - پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، يېڭىلىق ئەمەس، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى پەقەتلا بىر باھانە، ھەقىقىي غەرىزى ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى زومىگەرلىكىنى قوغداش. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكىنىڭ ئېغىز غېرىچلىشىنىڭ ئورنى يوق.

جەنۇبىي ئافرىقا جىنشەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جاننى روسوئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ. ئامېرىكا دائىم ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ئاتىۋېلىپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدۇ.

تۇنىس خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى جاسمى جۇما مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشى ئادەتكە ئايلانغان ۋاسىتە، نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ مۇشۇنداق قىلىشقا ئۇچرىدى. شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسى شىنجاڭغا ئەسلا بېرىپ باقمىغان، يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدۇ، پەقەت سىياسىي ئامىل سەۋەبلىكلا شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.

سىرى لانكا ئاقىللار ئامبىرى يول ئىزدىگۈچىلەر فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈر مۇدىرى، سابىق دېڭىز ئارمىيە سىلىڭى جايانات كولونباگې بۇ يىل 9 - ئايدا شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن تىنچ ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. چەت ئەللەر شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئارىلىشىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: جوۋ شىڭجۇ، ۋاڭ جىن، رېن چيەن، چېن يۈ، يې زەيچى، پەن گېپىڭ، لۇ خۈەيچيەن، جاۋ شى، خۇاڭ لىڭ، تاڭ لۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.