تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى

ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ مىڭفاڭ، خەن لىچۈن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك رەزىل غەرىزىنى ئاشكارىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش خام خىيالىدا بولغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈگەنلىك

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى قاتارلىقلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق قارالدى: ھازىرقى شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دىنلار ئېجىل - رايىش، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلاشقان بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ئەنسىزلىككە چۈشۈپ، كەلسە - كەلمەس ئەيىبلەپ، پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان بىر قاتار گەپ - سۆزنى ئېلان قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە شىنجاڭغا قارا چاپلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى ماخمۇت ئابدۇۋەلى مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇرمىلىشى، بوھتان چاپلىشى دىن، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇنداق ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ؛ ھەرقانداق پىتنە - ئىغۋا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىگە كاشىلا قىلالمايدۇ».

«ھازىر شىنجاڭدا 24 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى خادىمىدىن 29 مىڭ كىشى بار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت - ئوبلاست - شەھەر، ناھىيە - شەھەر - رايونلاردا ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن 103ى بار. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، نورمال دىنىي ئېھتىياج ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> تېررورىزمغا يانتاياق بولغانلىق، ئۇنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلىق. ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ھامان باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز كۈچلۈك غەزىپىنى بىلدۈرۈپ.

جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ھەر كۈنى مەسچىتتە دىنىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> شىنجاڭغا جېنىنىڭ بارىچە قارا چاپلىغانلىق. شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.» ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردا، ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى قايتىدىن رېمونت قىلدۇردى. ئاق مەسچىتتە تەرەت ئېلىش ئۈسكۈنىسى، سۇلۇق ھاجەتخانا ياسالدى، پۈتۈن كۈن ئىسسىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقى ئىنچىكە جايلاردا گەۋدىلەندى».

«ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك، بۇنىڭدىكى مەقسەت شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسى كومپيۇتېر پەن - تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ 2016 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ ۋېنجىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى زامان ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ساختا ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى ئېنىق تونۇپ، ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا <ياق> دېيىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك».

شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى

«ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، <ئۈچ خىل كۈچ> ئىنتايىن غالجىرلىشىپ، نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سىنى تۇغدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى.» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھە دەپ قوش ئۆلچەم قوللاندى، بۇ، تېررورلۇق قىلمىشىغا يول قويغانلىق، كۈشكۈرتكەنلىك. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى».

«ئامېرىكىدىكى ئاشۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەر ھەقىقەتەن بەك ئەسكى ئىكەن!» مەمەت ئەلى ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى سودىگەر، ئۇنىڭ بۇ يەردە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا 17 يىل بولدى. «مەن بۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن سودا سارىيىغا، ئاندىن مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىش تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدۇم، ئۆزگىرىش بەك زور. لېكىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق غالجىرلاشقان مەزگىلدە، بۇ يەرگە ئادەم كەلمىدى، سودىمۇ بولمىدى. ھازىر ئىناق، مۇقىم بولدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، چەت ئەللىكلەرمۇ كەلدى. بىزنىڭ تىجارەت سوممىمىز كۈندىن - كۈنگە ئاشتى».

قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە، قەشقەر ۋىلايىتىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئۇدا يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. دادام جۈمە تايىر دەل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ دىن ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىمەن. بىز تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك».

شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن

«شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىنىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش، ياتاقتا يېتىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەقسىز كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلدى، بۇ ھەم دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.» شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى زۇلھايات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تۈرلۈك خاتا قاراشلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈردى. مەن كۆپ قېتىم تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپتۇ، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ. بولۇپمۇ، كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بەلگىلىك ئەمەلىي ماھارەتنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپتۇ. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەزىلىرى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، يەنە بەزىلىرى ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى».

«كۆپچىلىك مەكتەپتە ھەر كۈنى خۇشال - خۇرام ئۆتتۇق، ئۆگىنىش ۋە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە خۇشاللىق بىلەن قاتناشتۇق.» ئىلگىرى خوتەن ناھىيەلىك تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگەن تۇنسا مەتروزى مۇنداق دېدى: «مەن مەركەزدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ گۈزەللەشتۈرۈشنى ئۆگەندىم. بۇ يىل 2 - ئايدا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاياللار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلىپ، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ئاچتىم. ھازىر مەن بىر ئايدا 6000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. مېنىڭ دەيدىغىنىم، بىز ئايال قېرىنداشلار ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قايمۇقۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بەختلىك تۇرمۇشنى ئۆزىمىزنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ يارىتىشىمىز كېرەك!»

يەكەن ناھىيەسىدىكى 37 ياشلىق دېھقان مەھبۇبە قادىر مۇنداق دېدى: «مەن مەكتەپتە كۆپ ئوقۇمىغان، ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىلىنى بىر جۈملىمۇ سۆزلىيەلمەيتتىم. ئۇزاقتىن بۇيان دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈرگەنلىكىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل مېنىڭ ھەق - ناھەق قارىشىم يوقالدى، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشالماي، مۇناسىۋىتىمىز جىددىيلەشتى. ھازىر، ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مېنىڭ ئىدىيەۋى ھالىتىم، تۇرمۇش ئۇسۇلۇمدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى».

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019 - يىل 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.