تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ

12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن بوخەن فوتوسى)

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزىنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇش ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. تۆۋەندىكىلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ يېزىق ئەمەلىي خاتىرىسى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى خۇ كەيخۇڭ: خانىملار، ئەپەندىلەر، كۆپچىلىك ئەتىگەنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىڭلارنى قارشى ئالىمىز. بۈگۈن، بىز ئىنتايىن خۇشال ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئەپەندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئەپەندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئەپەندى؛ شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدۇق. ئۇلارنى كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەم كۆپچىلىكنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

ئالدى بىلەن، رەئىس شۆھرەت زاكىرنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز.

شۆھرەت زاكىر: رەھمەت. خانىملار، ئەپەندىلەر، ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى دوستلار، ياخشىمۇسىلەر. بۇ يەردە ھەرقايسى تاراتقۇلاردىكى دوستلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. ئۇزاقتىن بۇيان، ھەرقايسىڭلار شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدۈڭلار، زور كۈچ بىلەن قوللىدىڭلار. بۇ يەردە، مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر يالتىراق مەرۋايىت، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ مۇھىم تۈگۈنى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەتلەرنى تۈزدى، مەركەز مالىيەسى ھەر يىلى شىنجاڭغا 400 مىليارد يۈەنگە يېقىن يۆتكىمە چىقىم قىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ھەر يىلى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە سېلىنغان مەبلەغ 15 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتتى.

شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تىنچ - خاتىرجەملىكى تەستە قولغا كەلگەن. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىندى. بىز سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردۇق، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ياخشىلاش، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش، تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدۇق. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

بىز ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.5 ئېشىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم %8.4، %8.2 ئاشتى. 2018 - يىلى شىنجاڭ كۈتۈۋالغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.1 ئاشتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.6 ئاشتى.

بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردۇق. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت كاپالىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق. بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى توپلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدۇق. 2014 - يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 2 مىليون 385 مىڭ 300 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىنىڭ بېشىدىكى %22.84تىن %6.51كە تۆۋەنلىدى.

بىز مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردۇق. شىنجاڭدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىنى بىردەك ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئالدى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئوبلاست باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىملىقىنى بىردەك رايون ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويغان مىللەت پۇقراسى ئۈستىگە ئالدى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەت (شەھەر)نىڭ ۋالىيسى (شەھەر باشلىقى)لىقنى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئالدى، ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ باش مەسئۇلىلىق ۋەزىپىنى ئادەتتە بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى ئۈستىگە ئالدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى %62.1 نى ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى %46.7نى ئىگىلىدى. بىز قانۇن بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ساھەلەردە ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلدى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىدۇق.

بىز دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدىكى «پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارغا ئوخشاش سىياسىي ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق - مەنپەئەتتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدۇق. بىز دىنىي سورۇن ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتلىرىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، دىنىي زاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردۇق.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، بۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. بىزنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىمىز دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە «قوش ئۆلچەم» قوللانماسلىقى كېرەك، بۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىسىدا تۇرۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشىسىدا تۇرۇش، ئىنسانىي ئەخلاق - ھەققانىيەت ۋە ۋىجداننىڭ قارشىسىدا تۇرۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش مۇساپىسىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھەرقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

مەن مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. رەھمەت!

خۇ كەيخۇڭ: رەئىس شۆھرەت زاكىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا رەھمەت. ھازىردىن باشلاپ سوئال سورىساڭلار بولىدۇ، سوئال سوراشتىن ئىلگىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاخبارات ئورگىنىنىڭ نامىنى مەلۇم قىلىپ قويغان بولساڭلار.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: بايا، رەئىس شۆھرەت زاكىر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. شۇنى سوراپ باقسام، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق پايدىسى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا قانداق كونكرېت گەۋدىلەندى؟

شۆھرەت زاكىر: سوئال سورىغىنىڭىزغا رەھمەت، بۇ مەسىلىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز: بۇ مۇخبىر دوستنىڭ سوئال سورىغىنىغا رەھمەت. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ئايان، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسى بىر مۇقىم خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا موھتاج، مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى، تەرەققىيات مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ۋە تىرىكى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى يامراپ، جەمئىيەت داۋالغۇپ، ئەنسىزلىشىپ، تەرەققىياتتىن قىلچىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى، ھەتتا قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىمۇ قولدىن كېتەتتى. ھازىر جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن شارائىت يارىتىلدى، مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى. 2017 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 92 مىليارد 9 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %7.6 ئاشتى؛ شەھەر - بازارلار، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 30 مىڭ 775 يۈەن، 11 مىڭ 45 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.1، %8.5 ئاشتى. 2018 - يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 1 تىرىليون 219 مىليارد 908 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %6.1 ئاشتى؛ شەھەر - بازارلار، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 32 مىڭ 764 يۈەن، 11 مىڭ 975 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %6.5، %8.4 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى، شەھەر - بازارلار، يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.6، %9.5 ئاشتى. بولۇپمۇ ساياھەتچىلىك مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ «بارومېتىر»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن «شىددەت بىلەن» تەرەققىي قىلدى، 2017 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 107 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %30تىن ئاشتى؛ 2018 - يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 257 مىليارد 971 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بىردەك %40تىن ئاشتى؛ بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 300 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40تىن كۆپرەك ئاشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق «مۇقىملىق بەخت، مالىمانچىلىق ئاپەت» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق شىنجاڭنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ساقلايدۇ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ھەرقانداق كۈچنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىگە كاشىلا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا ھوقۇقىمۇ يوق. رەھمەت.

ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى: بايا رەئىس شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدىكى نىسبەتنىڭ %70تىن كۆپرەكىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەن سورىماقچى بولغان مەسىلە شۇكى، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قانداق كونكرېت ئىجادىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقرالارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: رەھمەت. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈردى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. بۇ، بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدىكى گەۋدىلىك مۇھىم نۇقتا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ھەممىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتتۇق، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردۇق، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنى ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇردۇق ھەم ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدۇق، ھەمدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ھەربىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

مائارىپ جەھەتتە، بىز مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ھەر بىر بالىنى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ياخشى ئوقۇيالايدىغان قىلدۇق.

داۋالاش جەھەتتە، بىز ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 133 مىڭ تۇبېركۇليۇز ئاغرىقىنى داۋالاپ - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ھەل قىلدۇق، 56 مىڭ 900دىن ئارتۇق ئاغرىقنى داۋالاپ ساقايتتۇق. شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

جەمئىيەت كاپالىتى جەھەتتە، بىز ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىسىدىن بىرتۇتاش پىلانلاشنى باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن جەمئىيەت سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى بىر تالون شەكلىدە بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

ماكانلاشتۇرۇش جەھەتتە، يەنى تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتە، بۇ يىل بىز يېزىلاردا 212 مىڭ 700 ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي سالدۇق، شەھەر - بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىپ 154 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆيدە ئىش باشلاپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ بولدۇق ياكى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق.

بۇ بىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جەھەتتىكى بىر قىسىم كونكرېت تەدبىرلىرىمىز. رەھمەت.

جۇڭگو - ئەرەب سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى يېقىندا «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ مۇخبىرنىڭ سورىغان سوئالىغا رەھمەت. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق - مۇقىم، گۈللەنگەن - تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان رېئاللىققا پىسەنت قىلماي، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قانۇنىنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، بىز بۇنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق زومىگەرلىك قىلمىشى دەپ قارايمىز. بۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم، بۆلگۈنچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1990 - يىلىدىن 2016 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى ۋە ۋەقەسى يۈزبېرىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە زور سوممىلىق مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىككە بىر بۆلەك قىسقا فىلىم قويۇپ بەرمەكچى.

بۇ سىن ئارقىلىق، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئەينى چاغدا شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ھەم ئۇ پەيدا قىلغان ئېغىر خەۋپكە قارىتا بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇنداق ھالەت ۋە ۋەزىيەتكە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىمىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى پائالىيەتلىرىگە قەتئىي زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشىماقتا. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى تېررورىزمنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە ئۇچرىغاندا، ئامېرىكا قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى، ھازىر شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئەكسىچە بۇنىڭدىن ئەنسىزلىنىپ، شىنجاڭغا قارا چاپلىدى، ھۇجۇم قىلدى ھەم «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئارازچىلىق سېلىۋاتىدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇۋاتىدۇ، بۇنى «رەزىل نىيىتى ھەممىگە بەش قولدەك ئاياندۇر» دېيىشكە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق ئىغۋا تارقىتىشى، تۆھمەت قىلىشى ۋە بوھتان چاپلىشى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش رېئاللىقىنى بوغۇپ قويالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ كاشىلا قىلالمايدۇ. رەھمەت.

ئاۋمېن گېزىتى مۇخبىرى: سوراپ باقسام، شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاساسى نېمە، قانداق نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ مەسىلىگە بىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز.

شۈ خەيرۇڭ: شىنجاڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پائال پايدىلىنىپ، بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇردى. بىزنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىشتىكى قانۇنىي ئاساسىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ھەمدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دۇر. بۇ ئۈچ قانۇن - نىزامغا ئاساسەن، بىز مەكتەپنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇتۇش كۈچىنى تەقسىملەپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش» دەرسلىكى تەسىس قىلىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇتۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. پۈتكۈل تەربىيەلەش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۈچ ئەڭ زور چەكنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يەنى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ياكى جىنايى قىلمىشى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزۇۋالدۇق؛ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقاتتۇق؛ پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدۇق.

بۇ يەردە، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرقانچە ھېكايىنى ئورتاقلاشماقچى. بىرىنچى ھېكايە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى دىلشات ئىلگىرى بىر دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، كىرىمى يامان ئەمەس، كۈنلىرىمۇ يامان ئەمەس ئۆتۈۋاتاتتى. كېيىن ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى «كاپىرلار» ئۆرۈك دەرىخىنىڭ ئاستىدا تاماق يەپ، بېغىمنى مەينەت قىلىۋەتتى دەپ قارىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقانلار ئارامگاھىنى تاقىۋېتىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى كېسىۋەتكەن، تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى جاپادا ئۆتكەن. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى تونۇپ يېتىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى نابۇت قىلغانلىقىدىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن، تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ يەنە يېڭىباشتىن دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى، سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، يەنە تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى قايتىدىن ئۇرغۇدى. بۇ ھېكايە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تەربىيەلەنگۈچىلەردىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى. ئىككىنچى ھېكايە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى بۇزۆھرە روزى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن كەشتىچىلىك تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، قولدا كەشتىچىلىك قىلىدىغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى 30 نەچچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ ھېكايە بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆسۈپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارغا ئايلاندى. ئۈچىنچى ھېكايە، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى زورەم ئابدۇيۈسۈپ تەلىم - تەربىيە ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ھويلىسىنى پاك - پاكىز يىغىشتۇرۇپلا قالماي، يەنە قوشنىلىرىنى كەنتنىڭ تازىلىق مۇھىتىنى تازىلاشقا يېتەكلەپ، كەنت تەرىپىدىن تازىلىق مەدەنىيلىكى بويىچە نەمۇنىلىك ئائىلە بولۇپ باھالاندى. بۇ مىسال بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

يۇقىرىقىدەك ئۈچ ھېكايە شىنجاڭدا سان - ساناقسىز. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەلىم - تەربىيە خىزمىتى بولمىسا، بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم كۈنلىرى بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلغان 91 دۆلەتتىن كەلگەن 70 نەچچە ئۆمەك، گۇرۇپپىدىكى 1000دىن ئارتۇق كىشى، جۈملىدىن چەت ئەل ئەمەلدارلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي زاتلار بەس - بەستە: ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكا، غەربنىڭ دېگىنى بىلەن تامامەن ئوخشاشمايدىكەن، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن، دېيىشتى. رەھمەت.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى: بۇ يىل 3 - ئايدا، رەئىس شۆھرەت زاكىر ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە جەمئىيەت ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولمىغاندا، بۇ تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرىنىڭ تەدرىجىي يوقايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەن سورىماقچى بولغان مەسىلە شۇكى، سىزنىڭ پەرىزىڭىزگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە يەنە قانچىلىك تەربىيەلەنگۈچى بار، قاچاندىن باشلاپ تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ سوئالغا مەن جاۋاب بېرەي. شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش كەسكىن ۋەزىيىتى ئاساسىدا، بىز قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ سانى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، كىرىدۇ، چىقىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر «1 مىليوندىن ئاشىدۇ ھەتتا 2 مىليونغا يېتىدۇ» دېيىشى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىلغان، قىلچە ئاساسى يوق. نۆۋەتتە، «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى تۈگىتىش»كە قاتناشقان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەربىيەنى تاماملىدى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىدى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىش. كېيىنكى قەدەمدە، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئالدىغا تاللاش، تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلەش، بېرىپ - كېلىشتە ئەركىن بولۇش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ، ئارزۇسى بار، ئېھتىياجى بار كەنت كادىرلىرى، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى، دېھقان - چارۋىچىلار، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا كۈندىلىك، مۇنتىزىم، دائىملاشقان، ئېچىۋېتىلگەن تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بارىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت قاتارلىقلار بويىچە نۇقتىلىق تەربىيەلەيمىز، تەربىيەلەش مەزمۇنىغا ئاساسەن، ۋاقتى ئۇزۇن - قىسقا بولىدۇ. رەھمەت.

CGTN مۇخبىرى: بەزى خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن، جۈملىدىن زور كۆلەمدە بىر قىسىم مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەن، يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن ھەمدە بىر قىسىم ھۆكۈمەت قوللىمايدىغان دىنىي زاتلارنى تۇتۇپ تۇرغان. سوراپ باقسام، بۇ مەسىلىلەر مەۋجۇتمۇ - ئەمەسمۇ؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ سوئالغا مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىيازنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز: بۇ مۇخبىر دوستىمىزنىڭ سوئال سورىغىنىغا رەھمەت. سىز ئېرىشكەن ئۇچۇرنى قايسى تاراتقۇنىڭ خەۋەر قىلغىنىنى بىلمەيمەن، بۇ پۈتۈنلەي ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىققانلىق. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە، دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتنى قوغدايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «دىن ئىشلىرى نىزامى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى» بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى.

شىنجاڭدا، بىز پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارغا ئوخشاش ھەممىسى سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى دىنغا ئېتىقاد قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك كەمسىتىلىشكە ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەمەس. ئىسلام دىنى شىنجاڭدا ۋارىسلىققا ئېرىشتى ۋە ساغلام راۋاجلاندى، شىنجاڭدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى دىنىي خادىمىدىن 29 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر - رايون بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىن جەمئىي 103ى بار، ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ھەم قەشقەر، خوتەن ۋە ئىلى قاتارلىق سەككىز شۆبە شۆيۈەن ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىدىن ئىبارەت جەمئىي ئون دىنىي مەكتەپ قۇرۇلدى، ھەر يىلى مەلۇم ساندا تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەكتەپ باشقۇرۇش كۆلىمى 3000دىن ئارتۇق ئادەمگە يەتتى، نۆۋەتتە، مەكتەپتە 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يولى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە قاتارلىق تۆت خىل يېزىقتىكى «قۇرئان» ۋە «سەھىھۇل بۇخارى ھەدىسلىرىدىن جەۋھەرلەر» قاتارلىق دىنىي كىلاسسىك كىتابلار تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ھەر يىلى ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، مۇسۇلمان ئاممىنى تەشكىللەپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت ھەج قىلغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش، تەرجىمە قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى ھەم ئۆمەككە ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى 50 مىڭدىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئامما سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەجگە باردى.

سىز بايا تىلغا ئالغان كەڭ كۆلەمدە مەسچىتلەرنى چېقىش - كۆچۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك، شىنجاڭدا ئاتالمىش كەڭ كۆلەمدە مەسچىتلەرنى چېقىش - كۆچۈرۈش مەسىلىسى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئەكسىچە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مەسچىتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش، توققۇزنى سەپلەش»نى يولغا قويدى. «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - كىتاب ئۆيىنى مەسچىتكە كىرگۈزۈشنى، بۇنىڭ ئىچىدە جۈمە مەسچىتىدە تەرەت ئېلىش ئەسلىھەسى بولۇش، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ «توققۇزنى سەپلەش» تېببىي دورا مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، كومپيۇتېر، شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەسى، تەبىئىي گاز، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى، ئاياغ قاپلىمىسى ياكى ئاياغ قاپلاش ماشىنىسى، نەرسە ساقلاش ئىشكاپى قاتارلىقلارنى سەپلەشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى، كەڭ دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، نورمال دىنىي ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇلدى. دىن مەسىلىسىدە رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋالغان، «قوش ئۆلچەم»نى قوللانغان ئاشۇ غەرب سىياسەتۋازلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ دىن سىياسىتى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالىغا توغرا قاراپ، دىن مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت.

ياپونىيە ئوقۇش - سېتىش خەۋىرى مۇخبىرى: يېقىندىكى خەۋەردە، خەلقئارا تەكشۈرۈش مۇخبىرلىرى ئىتتىپاقى ICJC شىنجاڭ توغرىسىدىكى «ئىچكى ھۆججەت»كە ئېرىشىپ، «شىنجاڭنىڭ قاماش لاگېرى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئېچىپ بەردى» دېيىلدى، بۇ ھۆججەتنىڭ راست - يالغانلىقىنى سوراپ باقسام بولامدۇ؟ ئەگەر ھۆججەت ساختا بولسا، ئۇنىڭ ھۆكۈم ئاساسى نېمە؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ سوئالغا دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شۈ خەيرۇڭنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

شۈ خەيرۇڭ: مەن شىنجاڭدا ئاتالمىش «قاماش لاگېرى»نىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكچىمەن. «نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى»، خەلقئارا تەكشۈرۈش مۇخبىرلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان ئاتالمىش خەۋەرلەردە، شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى پۈتۈنلەي يامان غەرەزدە بۇرمىلانغان، قارا چاپلانغان. بىز بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. بىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىمىز ئوچۇق - ئاشكارا، شۇنداقلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى، پارتىيەمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، جۇڭگو شىنجاڭغا قارىتىلغان ھەرقانداق ھۇجۇم قىلىش، قارا چاپلاش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، بوھتان چاپلاشنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئاۋارىچىلىك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىل باھاسىغا ئېرىشىشى كېرەك. رەھمەت.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: شىنجاڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بېكىتكەن توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايون بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا قانچىلىك نامرات ناھىيە، قانچىلىك نامرات ئاھالە بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىس بار؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ مەسىلىگە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزىنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

پەرھات روزى: شىنجاڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2014 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 588 مىڭ 700 ئائىلىلىك 2 مىليون 314 مىڭ 700 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2131 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، 13 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى تاشلىدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىنىڭ بېشىدىكى %22.84تىن %6.51كە تۆۋەنلىدى.

بىز داۋاملىق دىققەتنى نامرات ئاھالىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 2020 - يىلى بارلىق نامرات ئاھالىنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز. رەھمەت.

پاكىستان ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ، خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ھازىر شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋەزىيىتى قانداق؟ تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

شۆھرەت زاكىر: بۇ مۇخبىرنىڭ سوئال سورىغىنىغا كۆپ رەھمەت. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىشىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر - ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق - رايىش، خەلق تۇرمۇشى تىنچ - خاتىرجەم بولۇۋاتىدۇ. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى، نۇرغۇن كىشى شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بولغان رازى بولۇش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بىز بۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، رەھمەت.

يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ مۇخبىرى: سوراپ باقسام، شىنجاڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كېلىشىگە يول قويامدۇ؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ سوئالغا دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شۈ خەيرۇڭنى داۋاملىق جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.

شۈ خەيرۇڭ: شىنجاڭ ياخشى جاي، ھەر مىللەت خەلق قىزغىن، مېھماندوست، بىز ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كەڭ قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز. بۇ دەل «يىراقتىن دوستۇڭ كەلسە خۇشال بولماي تۇرالامسەن» دېگەن گەپ. مەن يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، ئەمەلىيەتتە 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىز 91 دۆلەتكە ئالاقىدار 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپىدىكى 1000دىن ئارتۇق كىشىنى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغان ئەھۋاللار ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى سىياسەتۋازلار ۋە تاراتقۇلار ئېيتقان ئەھۋاللارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلغان، ھازىرمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. ئامېرىكا، غەربتىكى بەزى دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن، جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك، دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەكسىچە شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، جۈملىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا بېسىم ئىشلىتىدۇ ۋە كاشىلا قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ يوشۇرۇن سىياسىي مەقسىتى بار.

شىنجاڭ ئېچىۋېتىلگەن رايون، بىز ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، جۇڭگونىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. رەھمەت.

خۇ كەيخۇڭ: ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەڭ ئاخىرقى سوئال سورىلىدۇ.

شياڭگاڭ ئىقتىساد يېتەكچىسى گېزىتى مۇخبىرى: شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتىكى ئىلگىرىلىشى قانداق؟ رەھمەت.

شۆھرەت زاكىر: بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئاساسلىق تۇتقا قىلدى، بۇ ئەھۋاللاردىن كۆپچىلىكنىڭ ئاز - تولا خەۋىرى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. «بىر پورت» دېگىنىمىز، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق يولى پورتى بولۇپ، مال توپلاش، باغچە قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئورنىغا ئاساسەن، تىرىشىپ قۇرۇقلۇق يولى پورتىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، بىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە تىجارەت تىرانسپورتى قىلدۇق، شىنجاڭنىڭ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 3000 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى. «ئىككى رايون» دېگىنىمىز، شىنجاڭنىڭ قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بىرى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا، بىرى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا، بۇ ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى دۆلەت بەرگەن ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتكە تايىنىپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەپ «ئىككى رايون»نى شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىككى مۇھىم تىرەك نۇقتىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. «بەش چوڭ مەركەز»، يەنى شىنجاڭنىڭ غەربكە تۇتاشقان قۇرۇقلۇق يولىدا، ئۈرۈمچىنى يادرو قىلىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى، سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، مەدەنىيەت - پەن - مائارىپ مەركىزى ۋە رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلىغان داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مۇھىم، زور ئىقتىسادىي، جەمئىيەت ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولدۇق. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇمىدىن جەمئىي 21ى بار، يەنە ئۈزلۈكسىز قۇرۇلۇۋاتىدۇ، تۆمۈريول يۈرۈش - تىجارەت مۇساپىسى 6000 كىلومېتىردىن ئاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئارىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ھەممىسى تۇتاشتۇرۇلدى، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىمۇ يۈرۈش - تىجارەت قىلغىلى نەچچە يىل بولدى. بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، بىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىمىز ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق ئېشىشنىڭ %20تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى تەسىس قىلدۇق، 130دىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ئاپپاراتىنى توپلىدۇق، بۇلتۇر پۈتۈن رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئاشتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %33 ئاشتى. شىنجاڭ 98 دۆلەت ۋە رايون بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇردى، پاكىستان خابى بانكىسىمۇ شىنجاڭدا ئاپپارات تەسىس قىلدى، جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە قازاقىستان پۇلى تەڭگە نەق پۇلىنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەپ توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭدىكى 12 دوختۇرخانا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دوختۇرخانىلار ھەمكارلىق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن يىراق مۇساپىلىك داۋالاش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى. تۆت يىلدىن بۇيان، بىز جەمئىي 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئاغرىقنى قوبۇل قىلدۇق. پورت ئىقتىساد بەلبېغى 19 دۆلەت دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتقا تايىنىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋار مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، چېگرا (چېگرا ھالقىغان) ساياھىتى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆتۈشمە بازىرى سودىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى قاتارلىق سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپلەر ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇردۇق. بۇ دەل بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قىلغان بىر قىسىم خىزمەتلىرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ غەربكە چىقىش يولىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز. رەھمەت!

خۇ كەيخۇڭ: بۈگۈنكى ئېلان قىلىش يىغىنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى. تۆت ئېلان قىلغۇچىغا رەھمەت، ھەرقايسى مۇخبىر دوستلارغا رەھمەت.

(شىنخۇا تورىنىڭ 12 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.