تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل سۇيىقەستى قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ

− مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى نەيرىڭىنى ئوينىتىش رەزىل نىيىتىنى پاش قىلدى، تەنقىد قىلدى

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ ۋېيتاۋ، لى چاڭيۈ

شۇ يەر ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قانات يايدۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى بۇرمىلاپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى.

بۇنىڭغا قارىتا، كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە مىللەت مەسىلىسى ئەمەس، دىن مەسىلىسى ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى؛ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ كەلسە - كەلمەس قول تىقىشتىكى مەقسىتى ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى خالىغانچە بۇرمىلاشتىكى نىيىتى رەزىل

«ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> پۈتۈنلەي قەستەن بوھتان چاپلىغانلىق ۋە قارا چاپلىغانلىق بولۇپ، باشتىن - ئاخىرى ھەممىسى پىتنە - ئىغۋا ۋە يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان.» 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ۋە ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئاچقان مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا توختالغاندا، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات يۇرتىدىكى پىروفېسسور لى يۈنلوڭ ناھايىتى غەزەپلەندى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «قانۇن لايىھەسى»دە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئەركىن ئەمەس دەپ بۇرمىلانغان بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، «شىنجاڭغا بېرىپ باققانلىكى كىشىنىڭ ھەممىسى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدۇ، جەمئىيەت خاتىرجەم - ئىناق، پۇقرالار خاتىرجەم ياشايدۇ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئەركىن شۇنداقلا بەختلىك».

«ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش <قانۇن لايىھەسى>دە دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە پۈتۈنلەي بوھتان چاپلانغان.» جۇڭگو خەلق داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پىروفېسسور جۇ لىيۈ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت، بىزنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمگە زەربە بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قانۇن رامكىسى ئىچىدە بولۇپ، قانۇننى ئۆلچەم قىلغان.» بۇ ئاساسىي قانۇن، مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى، جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ يەرلىك نىزاملىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز ئېلىپ بارغان ھەربىر تۈرلۈك پائالىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئاساسى بار».

«ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ چىگرا ئىچى - سىرتىدا تېررورىزم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان <شەرقىي تۈركىستان> كۈچلىرىگە يانتاياق بولۇپ يەل بەرگەنلىك.» جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لى ۋېي مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئىنتايىن زور تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگودا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىدىن ئىبارەت بۇ قورالىنىڭ ۋەيران بولۇشى، تارمار قىلىنىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. «شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى گەۋدىلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشكەن ئەھۋالدا، ئامېرىكا يەنە ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. بۇ شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، يەنە بىر قېتىم تېررورلۇقنى قوللاش پەردە ئارقىسىدىن سەھنىگە چىقتى» دېدى لى ۋېي.

ھە دەپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە ھە دەپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قوش ئۆلچەم قوللىنىشى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى.

«بۇ <قانۇن لايىھەسى> كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن تاسادىپىيلىقمۇ ھېس قىلمىدۇق، چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكىدا ئەزەلدىن بىر سىياسىي قورال.» جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى شېن يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئەسلىدە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ئورتاق ئىنتىلىدىغان گۈزەل ئىش، خەلقئارا ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ئەڭ ياخشى ساھە ئىدى، لېكىن ئامېرىكا ئۇنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىدىغان بىر خىل سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇۋېلىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قاتمۇقات قىيىنچىلىق تۇغدۇردى. «ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نورمال بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا يەككە تەرەپچىللىك قىلىپ، ئۆز ئالدىغا باشقا دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش <قانۇن لايىھەسى>نى چىقاردى، بۇ پەقەت بىر مەيدان كۈلكىلىك ئويۇن خالاس» دېدى شېن يۇڭشياڭ.

«ئوخشاشلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكىمۇ ئۆزى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىشى كېرەك، تېررورلۇققا شۇنچە ئۇزاق يىل قارشى تۇرغان بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن تېررورىزم مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ؟ ناھايىتى چوڭ سەۋەب شۇكى، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھە دەپ قوش ئۆلچەم قوللاندى، بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىققا پايدىسىز بولۇپ، خەلقئارا بىرىكمە كۈچنى ئاجىزلىتىۋەتتى، ئامېرىكا تەرەپ ساۋاقنى قوبۇل قىلمىسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ» دەپ بىلدۈردى شېن يۇڭشياڭ.

«ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتى - تەدبىرىگە بوھتان چاپلىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.» نەنكەي داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چاڭ جيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى خەلق ئاممىسى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سىياسىي ئەربابلارنى قانۇنسىز كۆزىتىپ تىڭشىشى، شەخسلەرنىڭ يان تېلېفونى ۋە كومپيۇتېرىنى خالىغانچە تەكشۈرۈشى ھەمدە چەت ئەلدە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرانى قالايمىقان ئۆلتۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىدىن قاچتى. «ئەكسىچە، جۇڭگونىڭ تەلىم - تەربىيە شەكلى ئارقىلىق يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىنى كۈچەپ ئەيىبلىدى، بۇنداق ئوچۇق - ئاشكارا قوش ئۆلچەمنى ئۇنىڭ ئارقىسىغا رەزىل سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان دەپ چۈشەندۈرۈشكىلا بولىدۇ».

«كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى قوش ئۆلچەم ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى يوقاتماقتا.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوۋ شاۋچىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىر تەرەپتىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، سىرتقا قارىتا كۆپ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۇدا ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ، مىسلىسىز ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئىچكى جەھەتتە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار توپىنى باستۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئىرقىي مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىر تەرەپتىن، ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى توسۇشنى ئۇنتۇمىدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە رەزىل نىيىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، «ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ داۋاملىق قوش يۈزلۈكلىكىنى كىشىلەرگە نامايان قىلسا، مۇقەررەر ھالدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ».

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى

مۇتەخەسسىسلەر بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلدى، پاكىتنى ئويدۇرۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى.

«ئامېرىكا ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نىڭ مەقسىتى ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى سۈنئىي پەيدا قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ تىنچ قەد كۆتۈرۈشىنى توسۇش.» غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە يۈەنجاڭى، پىروفېسسور جاڭ يۇڭخې مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، كىشىلىك ھوقۇق پەقەت ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە زەربە بېرىشتىكى باھانىسى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتىكى باھانىسى، ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نىڭ مەقسىتى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگودا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى قوزغىتىپ، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىن ئىبارەت.

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ گۈيپىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ رەزىل نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

«شىنجاڭنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.» مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت ۋە دىن ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پۇ چاڭچۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇڭگوغا قارشى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بۇ «قانۇن لايىھەسى»گە ھە دەپ تۈرتكە بولدى، چۈنكى ئۇلار جۇڭگونى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا زومىگەرلىكنى يولغا قويۇشتىكى توسالغۇ دەپ قارىدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى پارچىلاش ۋە ئاغدۇرۇش. «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئويۇنى پەقەت بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق، ئۇلار بىر تارىخىي پاكىتنى چۈشىنەلمىدى: 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللىتى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەنسېرى، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى شۇنچە كۈچەيگەن» دېدى پۇ چاڭچۇن.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.