تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇن ساھەسى، ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا غەزەپ بىلەن لەنەت ئوقۇدى −

شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز

قانۇن ساھەسى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»گە قارىتا، شىنجاڭنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار دەرغەزەپكە كېلىپ، كۈچلۈك ئەيىبلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس قىلىپ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال تۆھپە قوشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئەكبەر ئەكرەم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى. شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»گە پائال ئاۋاز قوشۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقى تامامەن جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپال ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن.

«ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، <ئۈچ خىل كۈچ> شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بىگۇناھ ئامما زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغدا، ئامېرىكىدىكى <كىشىلىك ھوقۇق>قا كۆڭۈل بۆلىدىغان بۇ سىياسەتۋازلار نەگە كەتتى؟ ھازىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئېشىۋاتقاندا، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە قارا چاپلاپ، ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دې چۈەنيىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش بويىچە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلەر مەنبەدىن تۈزەش تەدبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نېگىزى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر.

«جۇڭگو قانۇنچىل دۆلەت، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلدى.» شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭى ئەركىن سامساق بىرقانچە قېتىم خوتەن ۋىلايىتىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ قانۇنچىللىقتىن لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ يەردە ئۇ تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ سىنىپلىرىنىڭ ئازادە، يورۇق، ياتاقلىرىنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشتىن سىرت يەنە مول كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ ئەسلا غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار دەۋاتقان «جازا لاگېرى» ئەمەسلىكىنى كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللاندى، بۇ، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا تېررورىزم، ئەسەبىزمنى قانات ئاستىغا ئالغانلىق، ئۇنىڭغا يول قويغانلىق.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى دۇڭ مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 4 - ماددىسى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ 17 - ماددىسى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، ئەسەبىزم ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، مەجبۇرلانغان ھەم قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرگە قارىتا تەربىيەلەش - قۇتقۇزۇۋېلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى دەل ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈش پىرىنسىپىنى نامايان قىلدى، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاش بىرلەشتۈرۈلگەن تەربىيەلەش - قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنىنى نامايان قىلدى. شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئېرىشكەن نەتىجە - ئۈنۈمى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەكسىچە بۇنىڭغا ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشقا، خالىغانچە قارا چاپلاشقا بولمايدۇ.

«شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىدە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ئۆلچەم قىلىنغان، بۇنىڭدا تايىنىدىغانغا قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن تايىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى رېھىمجان بارات مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى دەستەك قىلىۋېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى بىلەن ئەسلا كارى بولمايۋاتىدۇ. بۇنداق نومۇسسىز قىلمىش پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەنلا ئاخىرلىشىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جېڭ جو، ياڭ شۇخەن يازغان)

ئىسلام دىنى ساھەسى

«ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار، سىلەر شىنجاڭنى چۈشىنەمسىلەر؟ سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ باققانمۇ؟ شىنجاڭدا، مەن خۇددى ھاۋادىن نەپەسلەنگەندەك دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىمەن! سىلەر شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەيسىلەر، ھالبۇكى، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، قالايمىقان بىلجىرلاۋاتىسىلەر، سىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ بېقىڭلار!» دېدى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ غەزەپلەنگەن ھالدا.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى زاتلار قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ھەر مىللەت ئامما ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ».

مۆھتەرەم شېرىپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، ھۆكۈمەت دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دىنىي ھېسسىياتى ۋە ئېتىقاد ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ. شىنجاڭدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار، ئىسلام دىنى دىنىي خادىملىرى 29 مىڭ كىشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى تىنچلىق مەسچىتىگە كىرگىنىمدە، تاھەرەت ئېلىش ئەسلىھەسى، سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانىنىڭ مۇسۇلمان ئاممىنى راھەت، پاكىز دىنىي پائالىيەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆردۈم.

«ھۆكۈمەت مەسچىتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇنىڭغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر تارىخىي مەزگىلدىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.» تىنچلىق مەسچىتىنىڭ ئىمامى تاشتۆمۈر قادىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شۈيموگوۋ رايونىدىكى گاۋجياجۇاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى ھىمىت ئەمەر مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئىلگىرى ئەسەبىزمنىڭ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، بۇ دەل شىنجاڭغا تۆھمەت قىلىش، قارا چاپلاشقا بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە. شىنجاڭنىڭ قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى تامامەن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى، شۇنداقلا ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. ھەم دىننى مەنبەدىن ساپلاشتۇرغانلىق، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىغانلىق، بىز بۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز ۋە قوللايمىز».

ھىمىت ئەمەر مۇنداق دېدى: «مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى. جۇڭگودا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بارمۇ - يوق، بىز دىنىي زاتلار سۆز قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق! غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنى بۇنداق رەزىل ئويۇنىنى توختىتىشقا نەسىھەت قىلىمىز. بىز ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ ئاممىنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇشقا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىرلىكتە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر يازغان)

ياش ئوقۇغۇچىلار

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئەيىبلىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قەبىھ غەرىزىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك، شىنجاڭنىڭ تىنچ - خاتىرجەم، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز.

«شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>دە <كىشىلىك ھوقۇق> دەستەك قىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇلغان، بىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ساختا ياخشىچاق قىياپىتى ۋە رەزىل مەقسىتىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك.» شىنجاڭ داشۆ ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىلە مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكا تەرەپنى كەسكىن ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، سىلەرنىڭ سۇيىقەستىڭلار ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مەدەنىيەت - سەنئەت فاكۇلتېتى 2018 - يىللىق ئاممىۋى ئىشلار باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىلمىرە قېيۇم ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرگە قانۇن، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىق قىزىقىش سىنىپلىرىنى ئېچىپتۇ، تەربىيەلەنگۈچىلەر ناخشا ئېيتقۇسى كەلسە ناخشا ئېيتىدىكەن، ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلسە ئۇسسۇل ئوينايدىكەن، خۇشال ھەم مەنىلىك ئۆتىدىكەن. «ئۇلارنىڭ كۈلكە پارلاپ تۇرغان چىرايى ۋە ئەستايىدىل ئۆگىنىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>دە قانداقتۇر <ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىندى> دېيىلىپتۇ، بۇ دەل شىنجاڭغا قارا چاپلىغانلىق، تۆھمەت قىلغانلىق، بۇ، ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، خالاس!» دېدى ئىلمىرە غەزەپلەنگەن ھالدا.

«دادامنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈۋاتىدۇ!» 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك يۈسەي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مېھرىبانگۈل ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «دادام ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغاچقا، ھەمىشە قاپىقىنى تۈرۈپ يۈرەتتى، ھەممە كىشىگە توڭ تېگەتتى، سىڭلىم ئىككىمىز پادىچىلار ئىشتىنى ياكى قىسقا يەڭلىك كىيىم كىيسەك دادام ھەمىشە ئاچچىقلاپ كېتەتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، دادام كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئۆگەندى. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، دادام كۈلۈپ يۈرىدىغان بولدى، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنىڭ چىرايلىق كىيىملەرنى سېتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن پۇل بېرىدىغان بولدى، بۇنى بىز ئىلگىرى چۈشىمىزدىمۇ ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق.» مېھرىبانگۈل مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە دادام تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە پىشۇرۇق پىشۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن تورت دۇكىنى ئاچتى، سودىسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ قەلبى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىققا تولدى، «شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، بۇ دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىزنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق قىلمىشقا بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز!»

قەشقەر داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەريەمبۈ مەرگەن مۇنداق دېدى: مومام بىلەن دادام چېگرا بويىدا يىلتىز تارتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئۈن - تىنسىز دۆلەت ئۈچۈن چېگرا قوغداۋاتقان چېگرا قوغدىغۇچىسى، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆھپە قوشۇش ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل ئەنئەنە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر مىللەت ساۋاقداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەيمەن، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرۇشقا ياشلىقىمنى، كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، يۈ مېڭرەن، سۇ لۇپىڭ، شيا چىڭ، يۈ شى يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.