تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ ئارقىلىق ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرەيلى

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى، غەزەپ بىلەن لەنەت ئوقۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى تولۇق تونۇش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئۆزىگە ئىشەنگەنلەر قۇدرەت تاپىدۇ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغانلار غەلىبە قىلىدۇ، ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ، بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتقان شىنجاڭ دەل ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نىڭ تۈپ مەقسىتى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار بىر ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزدى، ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تامامەن تۆۋەن مۆلچەرلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئورتاق ئىرادىسىگە تامامەن سەل قارىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، ھەرقانداق چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ قۇترىشى شەكلىدىكى رەزىل ئويۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى چاغلىماسلىق، ئۆزىنى ھاقارەتكە دۇچار قىلىش بولۇپ، ھامان تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىمىغانسېرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

ھەرقانداق شىنجاڭنى پارچىلاش غەرىزى پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھىمايىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دېگەن قاراش ئاللىقاچان كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ھەر خىل پىتنە - پاسات ۋە باھانە - سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش خىيالىدا بولغانسېرى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.

ھەرقانداق شىنجاڭنى قالايمىقان قىلماقچى بولغان ھىيلە - مىكىر پەقەت شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇقىم قىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى، تىنچ، ئىناقلىقنىڭ قەدرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرىگە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەپ بوھتان چاپلىشى، پۈتۈنلەي ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، ھەق - ناھەقنى ئايرىمىغانلىق بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقى، ھەققانىيلىقى ۋە ۋىجدانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى يۈزبەرمىدى. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىدى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەتئىي ھىمايە قىلىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى. 25 مىليون تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى ئاللىقاچان مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلدى، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ سىياسەتۋازلىرى شىنجاڭنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈزۈلمەي يۈزبېرىدىغان ئۆتمۈشكە قايتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىكەن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ، مەغلۇبىيەتلىك ئاقىۋەتتىن جەزمەن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ھەرقانداق شىنجاڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان سۇيىقەست پەقەت شىنجاڭنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى تېخىمۇ مەزمۇت قىلىدۇ. بۇ بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 2018 - يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %6.1 ئاشتى؛ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 21 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى. بولۇپمۇ ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.62 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئورتاق نىشان ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئارزۇ ئۈچۈن مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك كۈچنى ھەرقانداق ئادەم توسۇيالمايدۇ.

تەۋرىمەستىن تۇرىمىز بىز خۇددى مەزمۇت چوققىدەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولسا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ قۇترىشىنىڭ ھەممىسى ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توسماقچى بولغانلىقى بولۇپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش»قا ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن بىتچىت قىلىنىدۇ. لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، ئويمان - دۆڭلەرنى تۈزلەپ داغدام يول ئېچىپ، خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ يەنە ئاتلانساق، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.