تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلقئارا جەمئىيەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىدى، خەلقئارا جەمئىيەت مۇنداق قارىدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا غەرەزلىك داغ تەگكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى تىرىشچانلىقىغا قارا چاپلىغانلىق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىدى.

سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانلىقى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق، دەپ ئەيىبلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشكە كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش ئامېرىكىنىڭ «دائىملىق» قىلمىشىغا ئايلاندى. ئامېرىكىدەك يەرلىك ئىندىيانلارنى يوقىتىپ، ئافرىقىلىقلارنى قۇل قىلىش تارىخى بار، ئافغانىستان، ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردە قىرغىنچىلىق پەيدا قىلغان دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىرق مەسىلىسى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مىللەت ئىشى توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاشقا ئەسلا سالاھىيىتى يوق.

فىرانسىيەنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سونىيا برېسلېي كۆپ قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ نەزەرىدە شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئىناق بىللە ياشايدىغان جاي. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. «كىشىلىك ھوقۇق» پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى پىكىرنى خاتا يېتەكلەيدىغان دەستىكى.

مىسىر دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىززەت سائاد ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ زىيارەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئىلگىرىلىشى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. ئامېرىكىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقى بىر خىل «قاقتى - سوقتى قىلغانلىق».

ئافغانىستان «ئافغانىستان كۈندىلىك نەزەر گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى ھاجاتۇرا زىيا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ناھايىتى كۆپ ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى. ھەرقانداق دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش، تېررورلۇق تەھدىتىنى تۈگىتىش ھوقۇقى بار.

كېنىيە ئامېرىكا خەلقئارا داشۆسىنىڭ ئاممىۋى سىياسەت ئىلمى لېكتورى ستېفېن ئىندېگۋا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەيىبلىگۈدەك يېرى يوق، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمىدى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاساسسىز ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، ھىندونېزىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بانباڭ سۇريونو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پۈتۈنلەي پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق، زومىگەرلىك ۋە مۇداخىلىچلىكنىڭ روشەن مىسالى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتىدە شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، يولغا قويۇلۇپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى مالىيە - پۇل مۇئامىلە داشۆسى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى گۋورگ مىرزويان مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق سىياسىي مۇددىئانى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە كۆز يۇمۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئاشكارا ئارىلاشقانلىق.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: ۋاڭ جيەن، جېڭ يىخەن، شۈ يۇڭچۇن، ۋۇ دەننى، چېن شىن، زوۋ دېلۇ، ياڭ جېن، چۇ شىنيەن، جېڭ شىبو، لۇەن خەي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.