تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە تەلۋىلەرچە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا قەتئىي ئالدانمايمىز

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ خاتىپى ئابدۇكېرىم قارى

مەن 1984 - يىلى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى مەسچىتنىڭ خاتىپى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئۇ چاغدا يېزىدا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا توزۇپ تۇرىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلىرى پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان توپا يولدا ماڭاتتۇق. كەنتتىكى كىچىك دۇكانلاردا نەرسە - كېرەكلەر ناھايىتى ئاز بولغاچقا، دېھقانلار ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ يېرىم كۈن يول يۈرۈپ ناھىيە بازىرىدىكى بازارغا باراتتى.

كېيىن مەن چوڭ بولدۇم. يېزىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئاسفالت يوللار ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغىچە تۇتاشتى، ھەممە ئۆيلەردە تېلېۋىزور بار بولدى، كەڭ - كۇشادە، ئازادە ئەمىن ئۆيلەردە تۇرىدىغان بولدۇق، بازارغا بېرىشتا ئېشەك ھارۋىسىغا ئەمەس ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان بولدۇق، تۇرمۇش شارائىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. لېكىن، بىر قىسىم بۇزۇق ئۇنسۇرلار ئاياللار كوچىغا چىقسا بولمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا چېچىنى كېسىۋېتىش كېرەك؛ كىچىك دۇكانلاردا ھاراق - تاماكا سېتىشقا بولمايدۇ، بايقىلىپ قالسا دۇكاننى چېقىۋېتىش كېرەك؛ ئەرلەر چوقۇم نامازغا بېرىشى كېرەك، بارمىغانلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىش كېرەك؛ كىچىك بالىلار ھۆكۈمەت ئاچقان مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇسا بولمايدۇ؛ ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا بارسا بولمايدۇ، دەپ جار سالدى. ئۇلار ھەتتا بىر قىسىم دېھقانلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ، ھۆكۈمەت ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئۆيلەرنى «مۇسۇلمانچە ئەمەس»، تۇرۇشقا بولمايدۇ، ھۆكۈمەت بەرگەن نامراتلارنى يۆلەش پۇلىنى «مۇسۇلمانچە ئەمەس»، ئېلىشقا بولمايدۇ، دەپ بىلجىرلىدى. ئەينى چاغدا مەن نېمىشقا بۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەنىدىم.

ھازىر مەن بۇنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قىلغان ئەسكىلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم، ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن ئاممىنى زەھەرلەپ، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ئارىلىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى، دىنىي قائىدىلەرنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئاممىنى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ، نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئاشۇ كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشىنى قەتئىي قوللايمىز.

تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتنى يوقىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، مەن بۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ۋە قوللايمەن. بۇ، مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى، شۇنداقلا بۇ بىر ئىنتايىن زور ساخاۋەتلىك ئىش. تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئۆگىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەر تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇدى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە جەمئىيەت مۇقىم، كىشىلەر خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھەممە يەردە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان، خۇشال كۈلكە - پاراڭلار ياڭراپ تۇرىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يەنە قايتا پەيدا بولدى، كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭىلاندى. دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بار بولدى، كۆپچىلىك دائىم باردى - كەلدى قىلىشىدۇ، كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دېيىشىدۇ، نۇرغۇن نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلار قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەل قىلىندى، يۇرتداشلار تولىمۇ خۇشال. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ھازىرقى تۇرمۇشنى ياخشى دېيىشىدۇ، مەنمۇ يۇرتۇمدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئۆستى. شىنجاڭ قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە زەربە بەردى، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ خىل ئوبيېكتىپ پاكىت ئالدىدا، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك سىياسىي سۇيىقەستىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، نىيىتى ئىنتايىن رەزىل، ۋاسىتىسى ئىنتايىن پەسكەش. كىشىلەر تەرىپىدىن جەزمەن چۆرۈپ تاشلىنىدۇ، لەنەت ئوقۇلىدۇ.

ھەرقانداق ئادەم بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىمىزنى توسۇيالمايدۇ، بىز دىنىي ساھەدىكى زاتلار ھۆكۈمەت قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايمىز. ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»دىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز، ھەرگىز ئالدانمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.