تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى

قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى ۋە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قارىتا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلىدى، مەن ۋاپات بولغان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلى، ھازىر قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازابلىق بىر كۈن. 74 ياشلىق دادام جۈمە تاھىر بامدات نامىزىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇچىغا چىققان ئۈچ زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇر تەرىپىدىن ئىنتايىن رەھىمسىز ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قەدىرلىك دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم، مەن زوراۋان تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆتكۈزگەن چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىش ئۈستىدىن كۈچلۈك شىكايەت قىلىمەن. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئۇلار دادامنى ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى تۇغدۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئاممىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەچچە يۈز جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىسى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. تېررورچى كۈچلەر كەينى - كەينىدىن تۇغدۇرغان قانلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلولىرى كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلمىشلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن. بۇ ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى» جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يوققا چىقىرىش، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېس - تۇيغۇسىنى نەزەرگە ئىلماسلىق بىلەن تولغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ۋە «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، بۇ، ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ يەل بەرگەنلىك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، يامرىشىدەك ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇرۇش، بۇنداق رەزىل قىلمىش جەزمەن كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا جەزمەن تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتەك ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى جەزمەن مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئاخىرىدا تارىخنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەن يامان غەرەز بىلەن شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا بوھتان چاپلىغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئەيىبلەيمەن، سەنلەرنىڭ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزغا قارىتا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلايدىغان سالاھىيىتىڭلار يوق. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىنى پەقەت مۇشۇ جايدا ياشاۋاتقان بىزلا بىلىمىز. بۇ بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ مۇقىم بولدى، قەشقەرگە ساياھەتكە كېلىدىغانلار يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. قەشقەر خەلقى تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم، ئىناق تۇرمۇشنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ھەممەيلەن ھۆكۈمەت قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ، قوللايدۇ.

مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ جايدا چوڭ بولغان قەشقەرلىك، تەۋرەنمەس ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە ناھايىتى زور تەسەللى بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، مېنى يېقىن ئادىمىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، يېڭى تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى بىلەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئاندىن ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ئىناق، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ بەردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭدىكى بارلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش» «توققۇزنى سەپلەش» يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي شارائىت ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما، سەپەرگە چىققاندا يول ياسىغۇچىنى ئۇنتۇما.» بىز شۇنى چوڭقۇر چۈشەندۇقكى، ياخشى كۈنلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنى يېتەكلەپ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

ئۇيغۇرلاردا: «خەلق خاتىرجەملىككە ئىنتىلىدۇ، دۈشمەن مالىمانچىلىققا تەشنا.» دەيدىغان ماقال - تەمسىل بار، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق بەختلىك بولۇشلا ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، بىز شىنجاڭنى مالىمان قىلىش خام - خىيالىدىكى ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.