تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكى بىزگە ئەڭ ئايان

ئاقسۇ شەھىرىدىكى تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى مۇرات ئەمەت

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى بىر ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى «جازا لاگېرى» دەپ ئەيىبلىدى، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندىم. ئامېرىكا تەرەپ قالايمىقان جۆيلۈپتۇ، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ھەرگىز قانداقتۇر «جازا لاگېرى» ئەمەس، بەلكى تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئۈمىد ۋە بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كېلىدىغان مەكتەپ. مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇدۇم، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلىشى، بوھتان چاپلىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن، مەن كۆپچىلىككە ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەي.

مەن بۇ يىل 25 ياشقا كىردىم، دادام كىچىك ۋاقتىمدىلا تۈگەپ كەتكەن، ئاپام مېنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلدى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا، ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىپ ئوقۇشتىن توختاپ قالدىم. بۇ يىللاردا مەن ساتىراشلىقنى ئۆگەندىم، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشنى ئۆگەندىم، باققاللىق قىلدىم، يەنە نىمكەش ئاپتوموبىل ئېلىپ - ساتتىم، ئىزچىل تىرىشىپ پۇل تېپىپ ئاپامنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمەكچى بولدۇم.

2015 - يىلىغا كەلگەندە، سودام ناھايىتى يۈرۈشۈپ كەتتى، ئالاقە دائىرەممۇ كېڭەيدى. شۇ يىلى ئەتىيازدا، سودا قىلىپ يۈرۈپ تونۇشۇپ قالغان بىرقانچە «دوستۇم» ماڭا سىرلىق تۈردە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان بىر قىسىم سىن فىلىملىرىنى ئەۋەتىپ بەردى، بەزى سىن فىلىملىرىدە بومبا ياساشنى ئۆگىتىپتۇ، بەزىلىرىدە «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېيىلىپ، زوراۋانلىق ئارقىلىق «كاپىرلار»نى قوغلاپ چىقىرىپ، «مۇستەقىل»لىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قۇترىتىپتۇ. قانۇن ئېڭىم ئاجىز، ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىم كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇنداق سىن فىلىملىرىنى كۆپ كۆرۈپ، ئىدىيەم ئاستا - ئاستا ئۆزگەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەيدىغان، ئىشلىتىدىغان، كىيىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاندىقىنىلا سېتىۋالماي، ئۆزۈم «كاپىرلار»نىڭ ئەمەس دەپ قارىغان دۇكانلاردىنلا سېتىۋالدىم، يەنە سودىدىكى ھەمراھلىرىمنى «كاپىرلار» بىلەن بېرىش - كېلىش قىلماسلىققا دەۋەت قىلدىم، ئاپامغا ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئالغۇزمىدىم.

دىنىي ئەسەبىزمدە پەقەت ئاتالمىش «دىنىي قائىدە»گە ئەمەل قىلىپ، «غازات» ئېلىپ بارغاندىلا، جەننەتكە كىرگىلى بولىدۇ، دېيىلىدىكەن. مەن ئەينى چاغدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، سودا قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى.

مېنىڭ ئىپادەم ئاپامنى ئەنسىرىتىپ قويدى، ئۇ مېنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىمدىن قورقۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئوقۇش، كاللامدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى يوقىتىش توغرىلىق نەسىھەت قىلدى. 2018 - يىلى 6 - ئايدا، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئوقۇدۇم.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىشتىن بۇرۇن، مەن نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قىلىۋاتاتتىم، قولۇمدا نەچچە ئاي سېتىلماي قالغان تۆت ئاپتوموبىل بار ئىدى، تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ماڭا ياردەملىشىپ ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى سېتىشىپ بەردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈشۈش باھاسىمۇ تۆۋەن بولمىدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئوقۇغان ئاشۇ چاغلار مەن ئەڭ خۇشال ئۆتكەن كۈنلەر. مەركەزدە ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدۇ، ھەممىلا جايدا كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز، خۇشال ناخشا، كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، مېنىڭ ھېس قىلغىنىم مەدەنىيلىك، ئىناقلىق، كۆرگىنىم تەرتىپلىك ئىشلار بولدى. بىزنىڭ ياتىقىمىزدا تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى، سىنىپلارغا زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن، پائالىيەت ئۆيىدە تۈرلۈك پائالىيەت، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى بار ئىدى، داۋالاش ئۆيىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا ۋە داۋالاش سايمانلىرى بار بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئاغرىپ قالسا ھەر ۋاقىت داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ داۋالىنالايتتى.

بىزنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدىكى بارلىق يەيدىغىنىمىز، ئىشلىتىدىغىنىمىز، ياتىقىمىز، يۇيۇنۇشىمىزنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئىدى، بىز يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇنغا ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە ئائىت ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بىزدىن بىر پۇڭمۇ پارچە ئوقۇش خىراجىتى ۋە كىتاب پۇلى ئالمىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى، بىزگە سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بەردى، بىزنى ئۆز خاتالىقلىرىمىزنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. ھەر قېتىم تەربىيەلەنگۈچىلەر تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، ئوقۇتقۇچىلار تۇغۇلغان كۈن تورتى تەييارلاپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى، بىزگە كۆيۈندى ۋە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. بىز ھەر ھەپتىدە ئۆيىمىزگە قايتىپ دەم ئالالىدۇق، ئەگەر ئائىلىمىزدە جىددىي ئىش چىقىپ قالسا، ھەر ۋاقىت رۇخسەت سوراپ ئىشىمىزنى بېجىرەلىدۇق، يەنە ھەر ۋاقىت ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ مەكتەپكە كېلىپ بىزنى يوقلىدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، مەن دىنىي ئەسەبىزمنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، ئەسەبىي ئىدىيەنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتىم؛ «ئادەم ئۆلتۈرۈپ شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن توقۇپ چىققان سەپسەتە، يالغان سۆز ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يەتتىم.

مەن سىنىپتا ئىنتايىن قېتىرقىنىپ ئۆگەندىم، شۇنداقلا ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بەردىم، ناھايىتى تېزلا سىنىپ باشلىقلىقىغا سايلاندىم. ئون ئاي ئۆگىنىش ئارقىلىق، 2019 - يىلى 4 - ئايدا، مەن تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەنى تاماملىدىم.

ئاپام گىرىم بۇيۇملىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، مەن بىر گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ئاپامنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاشنى ئويلاشتىم، شۇڭا تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىن، مەن بىر گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلەپ، بۇ جەھەتتە تەجرىبە توپلاشنى ئارزۇ قىلدىم. تەربىيەنى تاماملىغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئائىلىمىزدە خۇشاللىق ئىشلار ئۈزۈلمىدى، 8 - ئايدا مەن توي قىلدىم، كۈزدە نەۋرە ئاكام بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان ساتىراشخانا ۋە گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىمىزمۇ تىجارەت باشلىدى. ئاپام خۇشاللىقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ مېنى ماختاپ، تىرىشچان، ئەقىللىق مۇرات يەنە قايتىپ كەلدى، دېدى.

تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كەچۈرمىشى مېنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بىز چىن قەلبىمىزدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى ھاڭ لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. شۇڭا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بوھتان چاپلىشىغا، قارا چاپلىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز. ئامېرىكىلىقلار ئاغزىنى يۇمسۇن، تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكى بىز تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئەڭ ئايان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.