تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلۇمغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەرگىنىگە رەھمەت

قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرىنىڭ ئاھالىسى تۇنىساگۈل مەمەت

مەن بۇ يىل 62 ياشقا كىردىم، ئۆيۈم قەشقەر شەھىرى نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلۇم رۇستەم مەمەتكە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بەرگەنلىكى، ئۇنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، پۈتۈن ئائىلىمىزنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

ئوغلۇم رۇستەم ئىلگىرى خاتا ھالدا ھۆكۈمەت بەرگەن كىنىشكىنىڭ ھەممىسىنى «كاپىرلار» ياسىغان، «كاپىرلار» ياسىغان مەھسۇلاتنى قەتئىي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قاراپ، ئۆيدىكى ھۆكۈمەت بەرگەن كىنىشكىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، ئۆزى ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلمىغاندىن سىرت، بىزنىمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلغىلى قويمىغانىدى. ماڭا ھۆكۈمەت تارقاتقان تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىلارنى ئالغىلى قويمىغان، ھەتتا بۇ ئىش ئۈچۈن مەن بىلەن سوقۇشقان، مەن ئەتكەن تاماقنى يېمىگەن، مەن يۇيۇپ بەرگەن كىيىمنى كىيمىگەن، مەن بىلەن ئانا - بالىلىق مۇناسىۋەتتىن كېچىمەن، دېگەنىدى.

مەن ئىلگىرىكى ئىش ئۇقىدىغان، ۋاپادار ئوغلۇمنىڭ بۇنچە سۆرۈن تەلەت، رەھىمسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، مەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇنى شۇنداق ئەسەبىي، ئادەمگەرچىلىكى يوق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلىمەن. مەن دائىم ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلاپ، تالاي قېتىم ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلغان ئاشۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە لەنەت ئوقۇدۇم، ئۇلار ئوغلۇمنىڭ ئەسەبىيلىك پاتقىقىغا بارغانسېرى پېتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى. بەختكە يارىشا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئوغلۇمنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇپ ئۆزگىرىش، قايتا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش پۇرسىتى بەردى، بولمىسا ئۇ چوقۇم ئەسەبىزم ۋە تېررورىزمنىڭ قولچوماقچىسى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىپ، باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ خەۋپ يەتكۈزەتتى!

رۇستەم تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، مەن خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم. ئۇ تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تۇرغاندا قىلغان ھەربىر ئىش، ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئۆزگىرىش، ئۇنىڭ ھەربىر ئېرىشكەنلىرى مېنى تەسىرلەندۈردى، شادلاندۇردى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 2018 - يىلى قىشتا، ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئىككى ئوقۇتقۇچى بۇنى كۆرۈپ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ياتىقىغا ئاپىرىپ قويۇپتۇ ھەم تېزلىكتە داۋالاش ئۆيىگە خەۋەر قىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى بەك ئېغىر ئەمەس ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئاپتۇ. ئەتىسى دۇڭجى بولغاچقا، تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى رەھبەرلەر ئەتىگەندىلا رۇستەمگە جياۋزى تۈگۈپ پىشۇرۇپ ئەكەپتۇ، ئوغلۇم بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتىپتۇ! ئوغلۇم ھەر ھەپتىدە ئۆيگە قايتقاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېشىمنى، پۇتۇمنى يۇيۇپ قويىدىغان، ماڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدىغان بولدى، تولىمۇ كۆيۈمچان بولۇپ كەتتى.

كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى ئارقىلىق، ئوغلۇمنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ئېڭىمۇ كۈچىيىپتۇ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۈگەپتۇ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. ئۇ يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي ماھارەتنى پىششىق ئىگىلەپتۇ، ئىدىيە - ئەخلاقى ۋە ئۆز ساپاسى خېلى زور دەرىجىدە ئۆسۈپتۇ. پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، گەرچە ئوغلۇم خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزنى تاشلىۋەتمىدى، بىزنى ئەمىن ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىقلارنى بەردى. ھازىر رۇستەم تەربىيەنى تاماملاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت تېپىپ، مۇقىم كىرىملىك بولدى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر بەكمۇ خۇش بولدۇق. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوغلۇم ئۈچۈن قىلغانلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئوغلۇمغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەردى! بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم، شۇنداقلا باشقا ئەتراپىمدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.