تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ماھىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى جۈرئەت تۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن داغ تەگكۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاندى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىندى، ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى، پاكىت بۇرمىلاندى. بىز بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھەيران قالدۇق، ئىنتايىن غەزەپلەندۇق، قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىر جاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت شۇ جايدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرلا ئەڭ چوڭقۇر بىلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ پاكىتقا كۆز يۇمۇۋېلىپ، ئۆز يېرىدە ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغانغا نېمە سالاھىيىتى بولسۇن!

ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئەسلا كىشىلىك ھوقۇق، مىللەت، دىن مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. شىنجاڭ ئىلگىرى ئەسەبىزم، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بەردى، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى، بۇ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، شىنجاڭدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت مۇقىم بولماقتا، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشىماقتا، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە باراۋەر ئۆتۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ھەممىسى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك چىقىشىپ ئۆتۈۋاتىدۇ، چەكسىز بەختلىك ياشاۋاتىدۇ!

«ئاياغنىڭ پۇتقا مۇۋاپىق كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى پەقەت ئۆزى كىيگەندىلا بىلگىلى بولىدۇ». شىنجاڭنىڭ ئىشىدا پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما سۆز قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق، غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئۇ يەردە ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىشىغا، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشىغا موھتاج ئەمەسمىز. شىنجاڭنىڭ مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ يامرىشى ۋە زوراۋان تېررورىزمنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، قانۇن بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ھەمدە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئۆگىتىشنى ئاساسىي ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلغان تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان ئاشۇ ئاممىنى كەسپىي دەرسلىك تەربىيەسى ۋە ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى ۋە قاندۇردى. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى ئۆگىنىش ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ، كىرىمى يامان ئەمەس خىزمەت تاپتى، ئائىلە تۇرمۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، پۈتۈن ئائىلە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى. مانا بۇ پولاتتەك پاكىت! شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى خەتەر گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھەم تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرى ئازايتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى زوراۋانلىق، تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قېلىندى. ئەمما غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، خالىغانچە قارا چاپلاپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ قەبىھ غەرىزىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ، كىشىلەر يەنە بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ساختا ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتتى، ئۇلار جەزمەن شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان بارلىق خاتا سۆز - ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق − ئاپەت، ئەتراپىمىزدىكى قوشنا دۆلەت ئافغانىستانغا قاراپ باقايلى، يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى سۇرىيە، ئىراققا قاراپ باقايلى، تېررورىزم ۋە ئەسەبىي كۈچلەر ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەتكە تولغان تېگى يوق ھاڭنىڭ گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى، ئۇلار ئامالسىز يۇرت - ماكانىنى تاشلاپ قېچىش يولىغا قەدەم ئالدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ئافغانىستان، سۇرىيەدىكى ئاپەتنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، شىنجاڭنى قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئۇرۇندى، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز.

ئۇيغۇرلاردا مۇنداق ماقال - تەمسىل بار: «ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى خۇددى ئورماندىن ئايرىلىپ قالغان بۇلبۇلغا ئوخشايدۇ.» «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، «قوش پان» ئىدىيەسىنى ھە دەپ بازارغا سېلىپ، تارقىتىپ، مىللىي كەيپىياتقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان جىنايەت ئىدىيەسىنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى، ئۇلار جەزمەن مىللەتنىڭ گۇناھكارى بولۇپ قالىدۇ، جەزمەن ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ! ئەمما ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەر ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، بۇغىنى ئات قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولدى، ئۇلار ئوپئوچۇق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىدۇر. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ماھىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىردەك ھىمايىسىگە ئېرىشتى، ئۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى. بىز ھەربىر شىنجاڭلىق جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى چۆرىدەش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى دەل جايىدا ئويلاپ، دەل جايىغا قويۇپ، دەل جايىغا تۇرغۇزۇپ، دەل جايىدا ئىشلەپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت بۇ ئورتاق دۈشمەنگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك، ھەربىر شىنجاڭلىق ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە سېپىلنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

«ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزدىن بازىنى تالىشىش، ياشلارنى تالىشىش، ئەلرايىنى تالىشىش كۈرىشى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۆتكۈر، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتكە يۈزلەنگىنىمىزدە، شىنجاڭدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان ھەر مىللەت ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت باش تارتىپ بولمايدىغان دەۋر مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەن. بىز ئالىي مەكتەپ بازىسىنى چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى ئېنىق سۆزلەپ، «قوش پان» ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى تەشۋىق قىلىپ، كۆز قاراشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پوزىتسىيەنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بۇرچ - ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك؛ ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىق ھالدا شەخسىي غايە، ئىنتىلىشىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇش ۋە چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىي سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، سۈكۈت قىلىدىغان كۆپ سانلىقلاردىن بولماسلىقى كېرەك؛ ھەر مىللەت ئامما ئاڭلىق ھالدا ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن يىراق تۇرۇپ، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەزىل غەرىزى ۋە ماھىيىتىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشى كېرەك، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان، سۈكۈت قىلىدىغان، يول قويىدىغان، ھەتتا قوللايدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مىللىتىمىزنى ھالاك قىلىدۇ، بىزنىڭ بەختىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنى دەپنە قىلىدۇ! ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا سىغدۇرۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، نادانلىقتىن يىراق تۇرۇپ، ئەسەبىيلىكتىن يىراق تۇرۇپ، تىرىشىپ مەدەنىيلىكنىڭ يېتەكلىگۈچىسى ۋە تارقاتقۇچىسى بولۇپ، ياشلىقتىكى سادا، ياشلىقتىكى كۈرەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش داۋامىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەزىل غەرىزىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، ھەر ۋاقىت مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، كاللىسى سەگەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قىزىل سىزىق ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، دەرس مۇنبىرىنى ياخشى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ھەم ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچىلىرىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشى كېرەك!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.