تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، زومىگەرلىككە قاتتىق قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك

سانجى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت مۇھەممەت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»دە پاكىتقا كۆز يۇمۇلۇپ، ئاق - قارا ئاستىن - ئۈستۈن قىلىنغان، نامدا «كىشىلىك ھوقۇق»، ئەمەلىيەتتە «زوراۋانلىق» بولۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراشقا تولغان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى يوققا چىقىرىلغان، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي ھېس - تۇيغۇسىغا پىسەنت قىلىنمىغان، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا مىزاننى ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىنى بۇرمىلاپ قارا چاپلىغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلىگەن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقان رەزىل قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلەندىم.

ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭدا پەيدا قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمەي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، خەلقئارادا خاتا ئاممىۋى پىكىر پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسىگە ئۈزلۈكسىز قارا چاپلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى توستى. بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئاتالمىش «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاش ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولۇپ مەدەت بېرىشكە ئۇرۇندى، ئامېرىكىدىكى بىرقىسىم سىياسەتۋازلار ۋە جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنى توسۇش، پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى تامامەن ئاشكارىلىدى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى بولمىغان قوش ئۆلچىمى ۋە ساختا، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ، جۇڭگو خەلقى، ھەتتا دۇنيا خەلقى ئۇنىڭ ساختا ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى.

ئامېرىكا شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلدى، مەيلى ئىلگىرى، ھازىر، ياكى كېيىن بولسۇن، ھەرقانداق كۈچ بىزنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت، رايوننىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى ھامان تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

شىنجاڭ «بىر قولدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىش ۋە تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. بولۇپمۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئەسەبىزم ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، مەجبۇرلانغان، شۇنداقلا قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەر ئاكتىپلىق بىلەن تەربىيەلىنىپ - قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، ياردەم بېرىلىپ - يۆلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن بىلىملىرىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىلدى، ئۇلارنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى يۈزبېرىشتىن بۇرۇن تىرىشىپ يوقىتىلدى، ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ئۈنۈملۈك تۈگىتىلدى، جەمئىيەت كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. 2019 - يىلى 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن جەمئىي 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.62 ئاشتى، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 341 مىليارد 732 مىليون 780 مىڭ يۈەن بولۇپ، ساياھەتچىلىكتە شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا چەكسىز جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى.

شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئىنسانىيەت ھەققانىيلىقى، مەدەنىيلىكىنىڭ رەزىللىككە، ياۋۇزلۇققا قارشى كۈرىشىدۇر. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى مۇتلەق دانا، تامامەن توغرا، ئامېرىكىنىڭ بۇرمىلاپ، بوھتان چاپلىشى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ زەھەرخەندە ھۇجۇمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش مۇساپىسىنى توختىتىپ قويالمايدۇ.

مەن شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، بىز تىنچ، ئىناق، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، باشتىن - ئاخىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قوغداشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى مەۋقە قىلىپ، ئۇزاققىچە ئەسقاتىدىغان سىياسەتنى كۆزلەش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى يارىتىش، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بوشاشماي كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولسا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەتىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يامان ئىشنى كۆپ قىلغانلار ئۆزى ھالاك بولىدۇ، باشقىلارغا ئورا كولىغانلار ئاقىۋەتتە ئۆزى چۈشىدۇ، ئامېرىكا ئەگەر ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋەرسە، ئۆزى قىلغان ئەسكىلىكنىڭ دەردىنى چوقۇم ئۆزى تارتىدۇ، ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.