تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالىسى

جېڭ يەن

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، جاھىللىق بىلەن ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، رەزىل نىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ھالبۇكى، جۇڭگو ساقچى تەرەپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان تېررورچى ئۇنسۇر دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ شامالغا ئۇسسۇل ئويناپ، شىنجاڭغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بوھتان چاپلاپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە دىنىي زىددىيەتكە قۇتراتتى، بۇنىڭغا كىشىلەر لەنەت ئوقۇيدۇ.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن، بىز «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ھەم ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى: 2017 - يىلى 2 - ئاي ۋە 5 - ئايدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ كاتتىبېشى دولقۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىمالىي سىپرۇس ۋە گېرمانىيە بېرلىندا ئىككى قېتىم ئاتالمىش «ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە - تەتقىقات يىغىنى» ئېچىپ، چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، قوراللىق كۈچ قۇرۇپ، شىنجاڭدا زوراۋانلىق ھەرىكىتى قوزغاشقا تەييارلىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ 2018 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ سابىق كاتتىبېشىنىڭ بىرى سېيىت تومتۇلۇق 400 «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى باشلاپ ھەربىي فورما كىيىپ، قورال ئېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق سىنىنى لېنتىغا ئېلىپ، دۆلىتىمىزگە قارىتا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغايمىز، دەپ جار سالغان؛ 2019 - يىلى 3 - ئايدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ سابىق كاتتىبېشى رابىيە توردا بىر بۆلەك ئۈن ئېلان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ سۇرىيەگە «غازات» ئۇنسۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان؛ بۇنىڭدىن باشقا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» يەنە «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ، مىسىردىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنى گوللاندىيە، تۈركىيەگە يۆتكەشكە ياردەم بەرگەن، مالايسىيا، تايلاند قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگو شىنجاڭلىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۈركىيەگە يۆتكەشكە ياردەم بېرىپ، تۈركىيە ئارقىلىق سۇرىيە قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ «غازات»قا قاتناشتۇرغان...

بىر قاتار ئالامەتلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىزچىل «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى پىلانلىغان، تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ بۇنداق غالجىرلىشىپ ئېشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ھەرخىل نامدىكى «فوندى جەمئىيەت»لىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر دەل پەردە ئارقىسىدىكى چوڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى. ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى (NED)نىڭ يىللىق ياردەم مەبلەغ تۈرى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، NED «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردەم بېرىشنى سىجىل زورايتقان. 2017 - يىلى NEDنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتىغا بەرگەن ياردەم مەبلەغ سوممىسى 556 مىڭ دوللار، 2018 - يىلى 669 مىڭ دوللار، 2019 - يىلى 960 مىڭ دوللار بولغان. NED ئۆزىنى پارتىيەسىز گۇرۇھ، ھۆكۈمەتسىز ئاپپارات دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاساسلىق مەبلىغى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ پۇل ئاجرىتىشىدىن كېلىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ فوندى جەمئىيەت «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر قىسىم نومۇسسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئۇكرائىنادىن ۋېنېزۇئېلاغىچە، ئىراندىن بىرمىغىچە، بۇ دۆلەتلەردە پارتلىغان ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيەتلىرى ياكى «رەڭلىك ئىنقىلاب»لارنىڭ ئارقىسىدىمۇ NEDنىڭ كۆلەڭگىسى بار.

يالغۇز بۇلا ئەمەس، تېررورچى كۈچلەر بىلەن مۇشۇنداق ئوچۇقتىن - ئوچۇق تىل بىرىكتۈرگەن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئويلىمىغان يەردىن يەنە ئامېرىكا يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ يانتاياق بولۇشىغا ئېرىشكەن. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوس، NEDنىڭ رەئىسى كارل گېرىشمان قاتارلىقلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ كاتتىبېشى دولقۇن ئەيساغا 2019 - يىللىق «دېموكراتىيەگە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» بەردى. 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئامېرىكىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىگە دۇنياۋى قارشىلىق كۆرسىتىش» يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى شۆ رۈيفۇ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىم ماگوۋون قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى سىياسەتۋازلار يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى ھەم بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى زورايتىشنى ھە دەپ مۇراجىئەت قىلدى. بۇ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى پەش قىلىدىغان ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن زور كۈلكىلىك ئىش.

جۇڭگو شىنجاڭ رايونى ئۇزاقتىن بۇيان تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، ئۈزلۈكسىز يۈزبەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرى ئاۋامنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئىنتايىن زور دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. ھازىر، شىنجاڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇپ»، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى تۈپتىن تۈگىتىپ، يېنىكرەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. ھازىرغىچە شىنجاڭدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ھەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرگە قايتا نەزەر سالساق، ئۇلار ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، ئالاقىدار دۆلەتلەر يەنىلا ئۇلارنى ئاستىرتىن قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا يول قويۇۋاتىدۇ ھەم مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بىز بۇ دۆلەتلەرنىڭ دەرھال «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۈچ خىل كۈچ»كە ھەرقانداق شەكىلدىكى مەبلەغ ياردىمى بېرىش ۋە قوللاشنى دەرھال توختىتىشىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىشقا ئاساسىمىز بار. ئۇلار تېررورلۇق، زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، ھەم باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، ھەم ئۆزىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ.

(«خەلق گېزىتى»نىڭ 2019 - يىل 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.