تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا ئەمەلىيەتتىن تونۇشقىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاماملانغان تۈزىتىش ۋەزىپىسىگە قارىتا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، سىجىل كۈچەپ، مەسىلە ئېنىقلانمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشمىگۈچە قويۇۋەتمەسلىك، تۈزىتىش جايىدا بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىك، ئامما رازى بولمىغۇچە قويۇۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇرۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول رەھبەر»ى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولىدىغان، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولىدىغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان مۇھىت ئاسراش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئىلمىي پىلانلاش، كۆزىتىش، باھالاش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.