تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەزەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

ئامېرىكىنىڭ تۆھمەت قىلىشى، قارا چاپلىشى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى −

غەزەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش قىلمىشىغا شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ! بىرقانچە كۈندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما غەزەپلىنىش، لەنەت ئوقۇش بىلەن بىللە، بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى: ھەر خىل كاشىلا، بۇزغۇنچىلىقلار بىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى توسۇيالمايدۇ! بىز غەزەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە شىنجاڭنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياخشى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيىتى ئىناق بولغان پاكىتى ئارقىلىق تۆھمەت قىلغۇچىلارغا، قارا چاپلىغۇچىلارغا ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىمىز.

ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، بوھتان چاپلاش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش تەپتىش مەتتۇرسۇن تۇردىمەمەت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يامان غەرەزدە تۆھمەت قىلدى ۋە ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلىدى، بۇ خىل پاكىتقا كۆز يۇمۇش، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش قىلمىشى جۇڭگو خەلقى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى ئاياغ كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ. شىنجاڭ ھازىر كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى، بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بۇ ھەقتە بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى باشقۇرۇپ، قولىنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا سوزماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

«ھازىرقى شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلىرى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.» ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتىدا، شىنجاڭلىقلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم بارغانسېرى كۆپەيدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن.

«شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىشى پەقەت ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنتايىن زور غەزىپىنى قوزغايدۇ، پەقەت دۇنيا كىشىلىرى ئالدىدا ئۆزىنىڭ ساختا، شەخسىيەتچى، زوراۋان، زومىگەر بولۇشتەك رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئاشكارىلايدۇ» دېدى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جۈرئەت سېيىت.

ئامېرىكىنىڭ رەزىل قىلمىشىغا قارىتا، بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ يۈەنجاڭى ۋاڭ گۇيجۇڭ قاتتىق غەزەپلەندى: «ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى> شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاشىلا قىلىش، جۇڭگونىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشتەك رەزىل غەرىزىنى ئاشكارىلىدى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاق، بۇ پولاتتەك پاكىتنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ يوققا چىقىرالمايدۇ».

غەزەپنى مۇقىملىقنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز

ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: ھەم بوھتان چاپلاشقا قايتۇرما زەربە بېرىپ، پاكىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنى كۆزلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئامانتۇر مۇسا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ سىجىل گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشى ئامېرىكىنىڭ يامان غەرىزى ۋە رەزىل قىلمىشىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە، مەن بارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىغا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل نىيىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەيمەن».

«ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئۆتكۈزگەن ھەددى - ھېسابسىز جىنايىتى دۇنيا خەلقىگە ئايان، ئۇلارنىڭ <كىشىلىك ھوقۇق> دېگەن ئىككى سۆزنى تىلغا ئېلىشقا قانداق سالاھىيىتى ۋە يۈزى بار؟ مەن بايرىقىم روشەن ھالدا تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق سۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇنەۋۋەر ھىمىت.

«مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار <قانۇن لايىھەسى>نى ماقۇللىغانلىقىدەك بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەن غەزەپلەندىم ھەم كۈلكىلىك ھېس قىلدىم. كۈنلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتقان - ئۆتۈۋاتمىغانلىقىغا ئەجەبا مۇشۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان <بىز> ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسمۇ؟» خوتەن ناھىيەسى ئانا تۇپراق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش - سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جۈمەنىياز ياسىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى 136 دېھقان ياڭاقتىن ئىبارەت بىر تۈردىنلا 380 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، ئەگەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن تىنچ، ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بولمىسا، كۆپچىلىكتىن كىمنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە رايى بولسۇن؟ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلىدى، ئاشۇ يالغان سۆزلەر ھامان ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. بىز ئۆز ئىشىمىزنى پۇختا، ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، كېيىنكى قەدەمدە، مەن تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كۆلەمنى كېڭەيتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن».

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

سانجى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن يۈەنجاڭى ئالىم شۈكۈر مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنىڭ ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، خاتا ئىدىيەنىڭ چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەمنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايمەن.

«بۈگۈنكى كۈندە، بىز يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايمىز، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، ئىناق، خاتىرجەم ياشىماقتا، بۇ، پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى غەيرەت مامۇتنىڭ خوتۇنى ماھىنۇر نىزامىدىن قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن».

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز پىگمېنتلىق لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 210 ئائىلىلىكنىڭ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق، مو بېشى كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى تەۋەككۇل يېزىسىنىڭ باكىدۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى شۈ يوۋلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇساپىدە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار <قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىپ> پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان بىر قاتار سۆزلەرنى قىلىپ، ھەقىقەتەن كىشىنى غەزەپلەندۈردى. قانچىكى مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بىز شۇنچە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، زېھنىمىزنى مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا قويۇشىمىز كېرەك. بىز ئىرادىمىزنى ساقلاپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ!»

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، جېڭ جو، مېھرىگۈل غوپۇر، چاۋ جىن، جاۋ شىيا، جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، ليۇ شياڭ، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، يۈەن لېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جېنۋېن، جاڭ لۇپىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.