تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلشات ئابدۇقادىر

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن سۆزلىشىشى ۋە كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئوچۇق - ئاشكارا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئوچۇق - ئاشكارا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىپەز، رەزىل زومىگەرلىك لوگىكىسىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولغان بىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭغا چەكسىز غەزەپلىنىمەن، قەتئىي قارشى تۇرىمەن، كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

تېررورىزم، ئەسەبىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن 2016 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، مال - مۈلۈك زىيىنىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلدى. مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەتكە قارىتا، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ يامراپ كېڭىيىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا ئېلىپ باردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن، قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، دىنىي ئەسەبىزم بىلەن يۇقۇملانغان، يېنىكرەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى تەربىيەلىدى، قۇتقۇزۇۋالدى، ياردەم بەردى، يۆلىدى، مەقسىتى تېررورىزم، ئەسەبىزمنى مەنبەدىن يوقىتىش. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ باققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جاينىڭ تامامەن تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشىغا، قانۇن بىلىملىرىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئوچۇق شەكىلدىكى جەمئىيەت مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلىدۇ. شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىش، تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۇسۇلى دۆلەتنىڭ قانۇنچىللىق روھى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ۋە ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈردى.

ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. ھازىر، شىنجاڭدا ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، دىنلار ئىناق - رايىش بولۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەي، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان سەمىمىي ئارزۇسىغا ماسلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلدى، ئىقتىساد تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، «شىددەتلىك» ئېشىش كۆرۈلدى. بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردۇق ۋە ياخشىلىدۇق. 2016 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شىنجاڭ شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ 800 ئادەم قېتىمنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 8 مىليون 305 مىڭ ئادەم قېتىمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى... بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، ھەممىگە ئايان بولغان پاكىت، شىنجاڭغا كېلىپ باققان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ ھەممىسى بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىدىن چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولدى، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى. بىراق، ئامېرىكا تەرەپ مۇشۇنداق ئاساسىي پاكىتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، ئۇلار گۈللەنگەن، مۇقىم شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، قۇدرەتلىك سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئوچۇق - ئاشكارا پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قەستەن داغ تەگكۈزدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ شىنجاڭدا پەيدا قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى، ئەكسىچە تېررورىزم، ئەسەبىزمگە ئوچۇق - ئاشكارا يانتاياق بولۇپ يەل بېرىپ، ئەڭ ئەقەللىي ھەققانىيلىقىنى ۋە ۋىجدانىنى يوقاتتى.

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش تەركىبىي قىسمى. شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىدا باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، بەلكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنىڭ دېگىنى ھېساب. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئادەتلىنىپ قالغان بۇ ھىيلە - نەيرەڭلىرى پەقەت بىزنىڭ كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەرقانداق قىلمىش مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.