تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان خۇاچياۋلار بىرلەشمىسى:

شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلدى، ئوچۇقتىن - ئوچۇق كىشىلىك ھوقۇق قوش ئۆلچىمىنى يۈرگۈزۈپ، ئۆزىنى ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىسى» دەپ ھېسابلاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بوھتان چاپلىدى ۋە قارا چاپلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. شىنجاڭدىكى ۋەتەنگە قايتقان كەڭ خۇاچياۋلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. ئىلگىرى، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ئېغىر خەۋپىگە ئۇچرىغان، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان، جەمئىيەت تەرتىپى، خىزمەت تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش تەرتىپى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دىنىي ئەسەبىزمدىن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايىتى بار كىشىلەرنى ئەڭ زور چەكتە تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو(ۋەقە)سى يۈز بەرمىدى، ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىدەك پاكىتنى ھەرقانداق ۋىجدانلىق ئادەم ئىنكار قىلالمايدۇ. شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق بولغان، گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ خۇاچياۋلار ۋە خۇاچياۋلار ئائىلە تەۋەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى ھەسسىلەپ ئاسرايدۇ، ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ يولسىزلىق بىلەن ئارىلىشىشىغا، خالىغانچە تۆھمەت قىلىشىغا، خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ «قانۇن لايىھەسى» پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئايرىماي، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شىنجاڭنى ھاقارەتلەپ، قارا چاپلاپ، جۇڭگوغا كەلسە - كەلمەس قول تىقتى، بۇ، قوش ئۆلچەم قوللانغانلىق، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسقانلىق.

بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.