تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۇيىقەستى جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى تېتىر كەنتى مەسچىتىنىڭ خاتىپى بەكرى مامۇت

مېنىڭ ئىسمىم بەكرى مامۇت، ئۇيغۇر، شىنجاڭ پىچان ناھىيەسى پىچان بازىرى تېتىر كەنتى مەسچىتىنىڭ خاتىپى. مەن رادىيودىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار پاكىتنى بۇرمىلاپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، يالغان گەپ - سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھەمدە شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا بوھتان چاپلاپ ۋە ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى نەزەرگە ئالمىدى، ئۇيغۇر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن كۈچلۈك نەپرەتلىنىمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

مېنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسەتۋازلىرىدىن سوراپ باققۇم بار، سىلەرنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭلىقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كەلسە - كەلمەس قول تىقىدىغانغا نېمە سالاھىيىتىڭلار بار، سىلەردىن كىم شىنجاڭغا كېلىپ باققان؟ كىم سىلەرنىڭ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن؟ پاكىت ئاساسى بولمىغان يالغان گەپ - سۆزلەرنى قىلىش ھاقارەتلىگەنلىك ۋە بوھتان چاپلىغانلىق. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ شىنجاڭ پىچان ناھىيەسىدە ياشاپ كەلدىم، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا ھە دەپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئىنتايىن زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى، ھەرمىللەت خەلققە ئىنتايىن زور ئازاب كەلتۈردى. بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى. ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار بۇنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچرىغان شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە قىلچە كۆڭۈل بۆلمىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭ شىنجاڭ بىخەتەر بولدى، مۇقىم بولدى، سىلەر ئەكسىچە قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يانتاياق بولدۇڭلار، يەل بەردىڭلار. سىلەرنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭلاردىن بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئامما سىلەرنىڭ رەزىل غەرىزىڭلارنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇپ يەتتۇق. بىر جۇڭگولۇق، بىر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمەن. شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى توغرىسىدا شىنجاڭدا ياشاۋاتقان بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار. شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقادنىڭ ئەركىن ياكى ئەركىن ئەمەسلىكى توغرىسىدا بىز كەڭ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتى توسۇلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد سىجىل تەرەققىي قىلدى، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ھازىر، بىزنىڭ بۇ يەردە ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بار، سەپەرگە چىقىشىمىز ناھايىتى قولايلىق، ھەر مىللەت ئامما ئازادە، يورۇق، ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ كېسەل بولساق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى بار، ھەر يىلى يەنە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشالايمىز؛ ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك ئىش ئورۇنلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەربىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، قاتارلىقلار. ئەتراپىمىزدا ھەر ۋاقىت كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەربىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ ياشاش ھوقۇقىمىز، ساغلاملىق ھوقۇقىمىز، تەرەققىيات ھوقۇقىمىز تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولدى. ھازىر سىرتقا چىققاندا قۇلۇپ سالمىساقمۇ خاتىرجەم بولىمىز، زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق، كۆپچىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايىتى بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىگە بولدۇق، بىز ھەرمىللەت ئامما پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى چىن دىلىمىزدىن قوللايمىز. كىشىلىك ھوقۇق دېگەن نېمە؟ مېنىڭچە مانا بۇ ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇق!

پارتىيە ۋە دۆلەت پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلدى. دىنىي زات بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەقىقىي تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. مەسچىتنىڭ «يەتتىنى كىرگۈزۈش، ئىككى بولۇش، توققۇزنى سەپلەش» قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە مەسچىتكە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا، تەرەت ئېلىش ئۆيى قۇرۇلدى، قىشتا پار بار، يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار، ئىچىدىغان سۇ ئۈسكۈنىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى سەپلەندى، مۇھىتى ئىنتايىن راھەت. ھەممىگە ئايان بولغان بۇ پاكىتلارغا ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاشۇ سىياسەتۋازلار كۆزۈڭلارنى ئېچىپ ئەستايىدىل قاراپ بېقىڭلار، ئەمدى قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىمەڭلار، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىۋالماڭلار!

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى، بىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىمىزگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار ئەمدى قالايمىقان جۆيلۈمەڭلار، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىگە بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ دېگىنى ھېساب!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.