تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۆھمەتكە قايتۇرما زەربە بېرىپ ھەقىقەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ تەستە قولغا كەلگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغدايمىز

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇتەللىپ قاسىم

شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى جۇڭگونىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن داغ تەگكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

شىنجاڭ مەسىلىسىدە، سۆزلەشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق بولغىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق، ئوكيان ئارقىلىق يىراقتىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان، ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ باشقا دۆلەتلەرگە كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاش، كەلسە - كەلمەس قول تىقىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئەمەس. مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا چوڭ بولغان، شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە گۇۋاھچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىدى، ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە كاپالەتلەندۈرۈلدى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى تولۇق ھۆرمەتلەندى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدىكى 58 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل 36 نەپەر بولۇپ، %62.06نى ئىگىلىدى؛ 13 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 548 نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل 353 نەپەر بولۇپ، %64.42نى ئىگىلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئوبلاست باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەنىڭ ھاكىملىقىنى بىردەك رايون ئاپتونومىيەسىنى يۈرگۈزۈۋاتقان مىللەت پۇقراسى ئۈستىگە ئالدى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئاساسىي تۇرمۇش كاپالەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2019 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن شىنجاڭدا 529 مىليارد 137 مىليون يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يارىتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ چىقىم قىلىشقا بولىدىغان كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.6 ۋە %9.0 ئاشتى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن شىنجاڭدا نامرات ئاھالىلەرنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدۇ، مۇتلەق نامراتلىق تۈگىتىلىدۇ. پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەربىيەلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھوقۇق - مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش مىسلىسىز سەۋىيەگە يەتتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسى ۋە شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا، ئامېرىكا پاكىتقا خىلاپلىق قىلىپ، «تاللاشچان كور» بولۇۋالدى، بۇ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق قوش ئۆلچەم ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىدۇر. بۇنىڭغا شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلق قەتئىي قوشۇلمايدۇ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى قەتئىي قوشۇلمايدۇ.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا پىسەنت قىلماي، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەققانىيلىقنى دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىگە ئىنتايىن ئېغىر زىيان سالدى. تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزم پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى تۈگىتىپ، تېررورلۇق پائالىيىتى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ قانۇن بويىچە تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلدى. بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىرتۈرلۈك كۈچلۈك تەدبىر بولۇپ، دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھاسىغا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى، جۇڭگونى قورشاپ توسۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بۇنداق «باش قاتۇرۇش» پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا پەقەت بىھۇدە ئاۋارە بولغانلىق، بىكار شاپاشلىغانلىق. پاكىت ھامان پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋال ھامان ھەقىقىي ئەھۋال. ھەقىقىي ئەھۋال شۇكى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىنىي ئەسەبىزم ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىگە ئاساسەن، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيەسى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى بۇ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن تازىلاپ چىقاردى، بۇ، ئۇلارغا سەمىمىي ياردەم بەرگەنلىك، ئۇلارنى قۇتقۇزغانلىق. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن قارىغاندا، ئۇ، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرى، تەشەببۇسلىرىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىن قارىغاندا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆگىنىش ئارقىلىق، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇدى، تەربىيەلەنگۈچىلەر مەكتەپتە يەنە بىردىن ئىككىگىچە كەسپىي ماھارەتنى بىرقەدەر پىششىق ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشىدىن قارىغاندا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى باشقۇرۇش يولغا قويۇلغان بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەر قەرەللىك ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىيالايدۇ، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلگەن؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈم، دەرس سېتكىسى، تاماق تىزىملىكى قاتارلىقلاردا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقى قوللىنىلدى، تۈرى كۆپ، ئوزۇقلۇقى مول بولغان مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەكلەرنى مەكتەپ ھەقسىز تەمىنلىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، ئۆي ئىچىدە قىش كۈنلىرى پار بار، ياز كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بار، ياتاقتا تېلېۋىزور بار، مۇنچا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، داۋالاش ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ھەر كۈنى 24 سائەت ھەقسىز داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچى تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. خەلقئارادا مالىمانچىلىق ۋەزىيىتى بىلەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى گىرەلىشىپ كەتكەن، قىسمەن توقۇنۇش بىلەن داۋالغۇش ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، دۆلىتىمىز سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، كىشىلەر كۆڭلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى، جەمئىيەتنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىنى، ئامانلىقنىڭ تەكشى مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئىقتىساد سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت سىجىل بىخەتەر، مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى يارىتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق، رايىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشى تىنچ، ئىناق بولدى.

شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، بىز چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەيمىز. يوللۇق ئىشنى قوللايدىغانلار كۆپ بولىدۇ، يولسىزلىق قىلغانلار يالغۇز قالىدۇ. بۇ يەردە ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمەنكى: ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىڭلار. شىنجاڭنىڭ ئىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، سىلەرنىڭ باش قاتۇرۇشىڭلار ھاجەتسىز؛ جۇڭگونىڭ ئىشىنى جۇڭگونىڭ ياخشى قىلىشقا قۇربى يېتىدۇ، سىلەرنىڭ قول تىقىشىڭلار ھاجەتسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.