تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا قوللىغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» سېپى ئۆزىدىن تېررورىزمنىڭ جارچىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى شۇ جاي ۋاقتى 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاتالمىش «2019 - يىل ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قارا چاپلىدى. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا يەنە ئاستىرتىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق تېررورلۇق بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئاستىرتىن «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئايلاندى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى» «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» قاتارلىق «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردىمىنى ئىزچىل كۆپەيتتى، ياردەم مەبلەغ سوممىسى 2017 - يىلىدىكى 556 مىڭ دوللاردىن 2019 - يىلىدىكى 960 مىڭ دوللارغا كۆپەيتىلدى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى بىر قىسىم زاتلارمۇ «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا قوللىدى. 2019 - يىلى 6 - ئايدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوس، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى قاتارلىق كىشىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ كاتتىبېشى دولقۇنغا 2019 - يىللىق «دېموكراتىيەگە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئامېرىكىنىڭ كۆپ نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە، يىغىن ئېچىشقا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ دۇمبىقىنى چالدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنى ھە دەپ تەرغىب قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچى ئۇنسۇر دولقۇن 2017 - يىلى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئاستىرتىن «شەرقىي تۈركىستان» ئەسەبىي تەشكىلاتلىرى، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىگىلىشىچە، 2018 - يىلى، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تومتۇلۇق ھەربىي فورما كىيگەن 400 «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرى بىلەن قوراللىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق سىنىنى لېنتىغا ئېلىپ، جۇڭگودا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغايمىز، دەپ جار سالغان.

2017 - يىلى 2 - ئاي ۋە 5 - ئايدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» بىلەن بىرلىشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا چېگرا سىرتىدا ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، قوراللىق كۈچ تەسىس قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2019 - يىلى 3 - ئايدا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ سابىق رەئىسى رابىيە تور ئارقىلىق بىر بۆلەك ئۈن ئېلان قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ھەم سۇرىيەگە «غازات» ئۇنسۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى پاكىتنى ئاشكارىلىدى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» «تېررورلۇق» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» 2012 - يىلىلا تەشكىلات نىزامنامىسىدىكى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەيىبلەش» توغرىسىدىكى ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، تېررورىزملىق تەبىئىتىنى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئاشكارىلىغان.

جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى»دىن تەشكىللەنگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلار قۇرۇلتىيى» جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دەسلەپ قۇرۇلغاندىلا تېررورلۇققا چېتىشلىق گېنغا ئىگە بولغان.

لى ۋېي مۇنداق قارىدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» «مىللەت» ۋە «دىن» مەسىلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ تېررورىزم پائالىيىتىنى يوشۇرۇپ، چەت ئەلدە جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ ۋە خاتا يېتەكلەپ، تېررورىزمنىڭ جارچىسىغا ئايلاندى، ئامېرىكىنىڭ ئۇنى قوللىغانلىقى يولۋاسقا يانتاياق بولغانلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.