تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خالىغانچە بوھتان چاپلىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئىلھام ئوسمان

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە بوھتان چاپلاپ ۋە ئاساسسىز ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ۋە «كىشىلىك ھوقۇق» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشتەك رەزىل غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىدى، شىنجاڭ قاقاسلىقتىن ئاۋاتلىشىشقا، نامراتلىقتىن بېيىشقا، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىدېئولوگىيەنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈپ، چېكىدىن ئاشقان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئېغىر دەپسەندە قىلدى.

تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ رېئال تەھدىتى ئالدىدا، شىنجاڭ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن بويىچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ باشقا مىللەت ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىدىغان تىل قورالىنى ئىگىلىشىگە، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇنلۇق دىن بىلەن تېررورىزم، ئەسەبىزمنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلەندۈردى، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنى پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار، دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىق 91 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 70 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپا، 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى. نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئادەم شىنجاڭدا تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ تەخىرسىزلىكى، زۆرۈرلۈكى، قانۇنلۇقلۇقى، مۇۋاپىقلىقىنى چۈشەندى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بولۇپ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ، تەلىم - تەربىيە خىزمىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىغان ئاشۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇتقۇزۇۋالدى، شىنجاڭدىكى تەلىم - تەربىيە خىزمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ناھايىتى ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە.

ھالبۇكى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قارىشىنى چىقىش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر «رەڭلىك كۆزەينەك» تاقىۋېلىپ جۇڭگوغا، شىنجاڭغا نەزەر سالدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىگە ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، جان - جەھلى بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىشلارنى يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈپ، جۇڭگوغا خالىغانچە قارا چاپلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ يەنە ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» ماقۇللىغانلىقى تېررورلۇقنى قوللىغانلىق، يامانغا يانتاياق بولغانلىق، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە يوققا چىقارغانلىق، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق! بۇ ئۇنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش، ھەتتا جۇڭگونى پارچىلاش، مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە قەبىھ غەرىزىنى ئاشكارىلىدى!

تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم تەھدىتى يەر شارىۋى مەسىلە، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ئەڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرمىغاندا، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا يۈزبەرگەن كۆپلىگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلو (ۋەقە)لىرىدا، نەچچە مىليون ئاددىي پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى سەرسان - سەرگەردان بولدى، نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان مەدەنىي مىراسلار ۋەيران بولدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە كىشىلىك ھوقۇقتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟!

شىنجاڭدا ياشاۋاتقان، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر قاتار يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق، دىنلار ئىناق، رايىش بولغان، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىگەن، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ياراتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ھازىر شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى، ئامانلىق دېلولىرى، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلولىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە شىددەتلىك ئېشىش بارلىققا كەلدى، بۇ يىل 10 - ئايغىچە، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەتتە 341 مىليارد 721 مىليون يۈەن كىرىم قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %42.62 ۋە %43.39 ئېشىپ، نەچچە مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھازىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەمخورلۇقى، ياردىمىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشماقتا، مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.