تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى داغ تەگكۈزۈش، قارا چاپلاشقا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە

شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىش، مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى سىجىل ساقلىشى دەل ئەڭ كەڭ خەلق رايى ۋە ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئامېرىكىنىڭ كەلسە - كەلمەس ئەيىبلىشى ۋە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشىغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن داغ تەگكۈزۈپ ۋە ئۇنى ئاساسسىز ئەيىبلەپ، جېنىنىڭ بارىچە شىنجاڭغا قارا چاپلىدى. بۇ خىل پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان قىلمىش جۇڭگو خەلقى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى ئوچۇق - ئاشكارا دەپسەندە قىلغانلىق. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى» پەقەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇڭگو خەلقىگە ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتى ۋە زومىگەرلىك ماھىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ، پەقەت جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، خالاس. شىنجاڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، تەرەققىي قىلغان بۈگۈنگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىلچە پاكىت ئاساسى بولمىغان، تەكشۈرۈپ دەلىللىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئاغزىغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن داغ تەگكۈزدى. بۇ خىل رەزىل قىلمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشى ۋە ھەددى - ھېسابسىز جىنايى قىلمىشىغا كۆز يۇمغانلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە كۆز يۇمغانلىق، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەمنى يولغا قويۇشتەك ساختىلىقى ۋە ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئۇنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىدىن پايدىلىنىپ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسىدىغان زومىگەرلىك يامان غەرىزىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بىز چوقۇم شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ خىل رەزىل ھىيلە - نەيرەڭ پەقەت بىر مەيدان ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى دېگەنگە ئوخشاش كۈلكىلىك ئويۇن بولۇپ، جەزمەن جاھان كىشىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.

شىنجاڭلىقلار شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىكى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش تەستە قولغا كەلگەن. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. قانۇن بويىچە بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى قوللىنىلغاندىن بۇيان، ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمەي، ئەڭ زور چەكتە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى ھەم يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى تېررورىزم، ئەسەبىزمگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، يېڭىلىق يارىتىلغان تەدبىر، ھەققانىي تەدبىر. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور چەكتە يوقىتىپ، ئەڭ زور چەكتە پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ساقلاشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.

«ئىت قاۋاۋېرەر، كارۋان يولىغا يۈرۈۋېرەر.» شىنجاڭنىڭ سىجىل گۈللىنىشى، مۇقىملىقى يامان غەرەز ۋە رەزىل قىلمىشقا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بولۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمىسەكلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمىسەكلا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىرادىمىزدىن قەتئىي تەۋرەنمىسەكلا، ھەرقانداق كۈچ شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ئەتىگە قاراپ مېڭىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.